باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ: دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىش كېرەك

2016.04.11 14:11   مەنبە: خەلق تورى

لى كېچياڭ: دورا باھاسىنى تۆۋەنلىتىشنى داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىش كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لى كېچياڭ 6-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىدا ئېنىق قىلىپ، دورا باھاسىنى داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ بۆسۈش ئېغىزى قىلىش كېرەك، دېدى.

  شۇ كۈندىكى يىغىندا 2016-يىللىق داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى بېكىتىلىپ، داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: يېڭى بىر نۆۋەتلىك داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى پائال نەتىجىگە ئېرىشسە، خەلقنىڭ سالامەتلىك سەۋىيەسى ئۆسۈپ، ئوتتۇرىچە مۆلچەر ئۆمرى ئۇزۇرايدۇ.

  زۇڭلى مۇنداق دېدى: داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، چوقۇم تەدبىر قوللىنىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن بېسىپ ئۆتۈپ، «دورا باھاسى»نى بۆسۈش ئېغىزى قىلىش كېرەك.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دورا باھاسىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىشنى تىزلىتىش كېرەك. بىر جەھەتتىن ئىز قوغلاپ باشقۇرۇپ، دورىنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش؛ يەنە بىر جەھەتتىن دورا باھا ئۇچۇرىنىڭ ئاشكارا بولۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دورا باھاسىنى ئېنىق قىلىش كېرەك.

  لى كېچياڭ ئالاقىدار تارماقلاردىن بۇ مەسىلىنى ئەمدى تەتقىق قىلىشقا بولمايدىغانلىقى، تېزدىن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

  شۇ كۈندىكى يىغىندا 2016-يىللىق داۋالاش-سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرى بېكىتىلدى، ئۇ بولسىمۇ ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ دورىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دورىنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھا ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئىشلەپچىقىرىشتىن ئوبوروت قىلىشقىچە، ئوبوروت قىلىشتىن داۋالاش ئاپپاراتلىرىغىچە بولغان ئارىلىقنىڭ ھەر بىرىسىدە بىر قېتىمدىن تالون كىسىدىغان «ئىككى تالون تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ئوتتۇرىدىكى باھا قوشۇش ھالقىسىنى ئېنىق قىلىشتىن ئىبارەت. ئاغرىقلار دورىنى دوختۇرخانىدىن ياكى پارچە سېتىش دورا دۇكانلىرىدىن سېتىۋېلىشنى ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. دائىم يىتىشمەيدىغان دورىلارنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمى ئورنىتىپ، ئەيدىز كېسىلى قاتارلىق ئالاھىدە دورىلار بىلەن ھەقسىز تەمىنلەپ، داۋالاش ۋە دورا سۈپىتىنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت، نامرات، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزىل…
      ·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار سىياسەت-ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا …
      ·بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·تۈركىيە ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يەتتە ساقچى قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2016-يىلى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوب…
      ·تۈركىيە ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردا ھەربىي بازار قۇرۇشنى پىلانلىدى