نۆۋەتتە، ياسىلىۋاتقان 500 مېتىر كۆزلۈك شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپى (FAST) قۇرۇلۇشى. (4-ئاينىڭ 10-كۈنى تارتىلغان)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 4-ئاينىڭ 10-كۈنىگىچە، گۇيجو ئۆلكىسى پىڭتاڭ ناھىيەسىدە ياسىلىۋاتقان دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ يەككە كۆزلۈك رادىيو تېلېسكوپى __ 500 مېتىر كۆزلۈك شار يۈزلۈك رادىيو تېلېسكوپى (FAST) قۇرۇلۇشىنىڭ 4185 پارچە قايتۇرۇش يۈزى تاختىسى ئورنىتىلىپ، تاماملىنىش نىسبىتى %94.04كە يېتىپ، قۇرۇلۇش تاماملىنىش باسقۇچىغا كىردى.
ئىگىلىنىشىچە، FASTنىڭ قايتۇرۇش يۈزى كۆلىمى تەخمىنەن 250 مىڭ كۋادرات مېتىر بولۇپ، سىمسىز رادىيو دولقۇنلىرىنى يىغىپ، قۇبۇللىغۇچقا يەتكۈزۈشكە ئىشلىتىلىدىكەن. قايتۇرۇش يۈزىنى قۇراشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۆلچەرلىنىشىچە 2016-يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا تاماملىنىدىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى