باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>كۆپ بەتلىك خەۋەرلەر

ھىندىستاندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، قازا قىلغانلار 110غا يەتتى

2016.04.11 14:26   مەنبە: خەلق تورى

ھىندىستاندا ئوت ئاپىتى يۈز بېرىپ، قازا قىلغانلار 110غا يەتتى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاندىكى بىر ئەمەلدار 10-ئاپرېل، ھىندىستاننىڭ كېرالا ئۆلكىسى كولام رايونىدىكى بىر ھىندى دىنى ئىبادەتخانىسىدا، شۇ كۈنى سەھەردە يۈز بەرگەن ئوت ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 110 كىشى قازا قىلىپ، يەنە 390 كىشى يارىلانغانلىقىنى ئېيتتى. ھىندىستان زوڭلىسى مودى شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىبادەتخانىغا بېرىپ تەكشۈردى ھەم ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشقا قوماندانلىق قىلدى.

  مودى ئوت ئاپىتى نەق مەيدانىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن دوختۇرخانىغا بېرىپ، ۋەقەدە يارىلانغان ئاممىنى يوقلىدى. ئۇ ئارمىيە ۋە ھۆكۈمەت تارماقلىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئاممىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن ئاپەتتىن قۇتقۇزۇپ، يوقاپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ تېپىشقا كۆرسەتمە بەردى ھەم ھەر بىر قازا قىلغۇچىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتىغا 200 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 2900 ئامېرىكا دوللىرى) نەپىقە پۇلى بېرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ھىندىستان ئارمىيەسى تىك ئۇچار ۋە ھەربىي پاراخوتلارنى چىقىرىپ، قۇتقۇزۇشقا قاتناشتى. ھەر قايسى جايلاردىكى دوختۇرخانىلار بەس-بەستە داۋالاش خادىملىرىنى ئاپەت رايونىغا ئەۋەتىپ، يارىدارلارنى قۇتقۇزدى، بىر قىسىم جايلاردىكى دوختۇرخانىلار ئاممىنى مەجبۇرىي قان تەقدىم قىلىشقا تەشكىللىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى:ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر

  •  ئاڭلىغانمۇسىز

    •  تەۋسىيە

      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىلدىن باشلاپ EMBA نى بىر تۇتاش ئىمتىھان دائىرىسىگە كىرگۈزىدىغانلىقىنى بې…
      ·ئالىي مائارىپ سۈپىتى «دۆلەت دوكلاتى» تۇنجى قېتىم ئېلان قىلىندى
      ·بېيجىڭ شەھىرى يېڭى ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى ئىسلاھات لايىھەسىنى ئېلان قىلدى
      ·2017-يىلى ئالىي دەرىجىلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنىڭ سودا-سانائەت باشقۇرۇش ماگىستىرلىقى مەملىكەتلىك بىر …
      ·چىڭخۇا ئۇنىۋېرسىتېتى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا چەت، نامرات، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىدىكى يېزىل…
      ·دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئالاقىدار سىياسەت-ھۆججەتلەرنى بىكار قىلىپ باشلانغۇچ، ئوتتۇرا …
      ·بۇ يىل شىنجاڭدىكى 10 ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ رايون ئاتلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ
      ·تۈركىيە ئالاھىدە ساقچى ئاپتوموبىلى ھۇجۇمغا ئۇچراپ يەتتە ساقچى قازا قىلدى، 23 ئادەم يارىلاندى 
      ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: 2016-يىلى نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوب…
      ·تۈركىيە ئىككى يىل ئىچىدە قاتاردا ھەربىي بازار قۇرۇشنى پىلانلىدى