باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>سۈرەتلىك خەۋەرلەر

«خىزمەت گۇرۇپپىسى قانۇن ئېڭىمىزنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى»

__ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى توغرال كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ خىزمىتىدىن خاتىرە

2016.04.11 14:30   مەنبە: خەلق تورى

«خىزمەت گۇرۇپپىسى قانۇن ئېڭىمىزنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى»

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىدىن قاغىلىق ناھىيەسىنىڭ سايباغ يېزىسى توغرال كەنتىگە 3 ـ تۈركۈمدە چۈشكەن «ئۈچ ئەل» خىزمىتى گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ «قوش تىل» ئۆگىنىش، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىنىپى ئېچىپ، ئاممىنىڭ قانۇن ئېڭىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، 27 ـ مارت مەن توغرال كەنتىگە باردىم. سىنىپتا ھەيۋەتلىك دۆلەت مارشى ياڭراۋاتاتتى، سىنىپتىكى 100 گە يېقىن كۇرسانت ھاياجانغا چۆمۈپ، دۆلەت شېئىرىنى ئېيتىشقا باشلىدى. ئارقىدىن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرگۈل كېرەم «ئاساسىي قانۇندا بەلگىلەنگەن پۇقرالارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيىتى» تېمىسىدا دەرس سۆزلىدى، يېرىم سائەتتىن كېيىن خىزمەت گۇرۇپپىسى ئەزالىرىدىن جاۋ لىجۈن، جۇڭ شىنخۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە كۇرسانتلار خەنزۇ تىلى ئۆگىنىشكە باشلىدى.

  __ مەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراسى...

  __ مەن ۋەتىنىمنى سۆيىمەن، يۇرتۇمنى سۆيىمەن...

  __ مەن قاغىلىق ناھىيەسى سايباغ يېزىسى توغرال كەنتى ئاھالىسى...

  بۇ دىيالوگلارنى خەنزۇچە قىلالىغانلىقىدىن خۇشال بولۇشۇپ كەتكەن كۇرسانتلارنىڭ چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.

  __ كەنتىمىزدە خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر ئاچقان سىنىپتا قانۇن ئۆگىنىش ئارقىلىق قانۇنغا بويسۇنۇشنىڭ، قانۇننى چۈشىنىشنىڭ، قانۇندىن پايدىلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، خەنزۇ تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشنىڭ تۇرمۇشۇمغا نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىۋالدىم، __ دېدى كۇرسقا قاتنىشىۋاتقان دېھقان تۇرسۇنگۈل ھەسەن.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار بۇ يىل فېۋرالنىڭ ئاخىرىدا كەنتكە كەلگەندىن كېيىن، تېزدىن خىزمەتكە كىرىشىپ كەتتى ھەم ئائىلىلەرگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش داۋامىدا تىل ئۇقۇشماسلىق سەۋەبىدىن خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى خەنزۇ كادىرلار بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ نۇرغۇن قىيىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، نۇرغۇن ئىشتا تەرجىمان زۆرۈر بولۇۋاتقانلىقىنى، ھەر دەرىجىلىك پارتكوملارنىڭ قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئىشلىگەن زور خىزمەتلىرىدە كەنتتىكىلەرنىڭ قانۇن ئېڭى خېلى ئۆسكەن بولسىمۇ، تارىخىي ۋە ئەنئەنىۋى ئۆرپ ـ ئادەتلەر قاتارلىق ئامىللار تۈپەيلىدىن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن ئېڭى تۆۋەنلىكىنى ھېس قىلدى، بولۇپمۇ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80 ـ ، 90 ـ يىللىرىدا تۇغۇلغان ياشلار ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ، ئاياللارنىڭ قانۇن بىلىمىنىڭ تۆۋەنلىكىنى بىلىپ، ئالدى بىلەن ئىشنى «قوش تىل» ئۆگىتىش ۋە قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىن باشلاشنى قارار قىلدى.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار كەنت رەھبەرلىرى ۋە ئاھالىلەر بىلەن سۆزلىشىپ، كەنتتە «قوش تىل» ئۆگىنىش، قانۇن ساۋاتلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىنىپى ئېچىشنى قارار قىلدى. شۇنىڭ بىلەن خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرگۈل كېرەم بارلىق گۇرۇپپا ئەزالىرىنى سەپەرۋەرلىككە كەلتۈرۈپ، تەييارلىقنى باشلىۋەتتى. ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىمۇ خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلارنىڭ خىزمىتىنى زور كۈچ بىلەن قوللاپ، ئۇلارغا «خەنزۇ تىلىدىن 500 سۆزلۈك» ناملىق كىتابتىن 500 نى ئەۋەتىپ بېرىپ، كۇرسانتلارنىڭ كىتاب مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

  تەييارلىقلار جىددىي ئىشلىنىپ، مارتنىڭ بېشىدىلا ئوقۇش باشلاندى. ئوقۇش باشلانغان كۈنى كۇرسانتلار سىنىپقا پاتماي قالدى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى، بەزى كەنت ئاھالىلىرى خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلاردىن ئوقۇش ۋاقتىنى كۆپەيتىپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  __ بۇ سىنىپنى ئېچىشتا ئالدى بىلەن كەنت ئاھالىلىرىنى خەنزۇ تىلى بويىچە تەربىيەلەپ، ئۇلارنىڭ ئالاقە ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئىشەنچىنى ئاشۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ئىشلەيدىغانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى ئويلاشتۇق، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاممىنىڭ دۆلەت ئېڭى، پۇقرالىق ئېڭىنى كۈچەيتىش، ئۇلارغا ئېلىمىزنىڭ مەدەنىيىتى، تارىخىنى تونۇتۇش ئارقىلىق ۋەتەنپەرۋەرلىك ئېڭىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلدۇق، __ دېدى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ليۇ خۇەيچۈن، __ يەنە بىرى، بۇ يىل دۆلىتىمىزنىڭ «7 ـ بەش يىل» لىق قانۇن ئومۇملاشتۇرۇش پىلانىنىڭ تۇنجى يىلى، شۇنداقلا «ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» ئېلان قىلىنغاندىن كېيىنكى تۇنجى تەشۋىقات يىلى، «ئاساسىي قانۇن»، «جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ تۈزىتىلمىسى»، «تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دىن ئىشلىرى نىزامى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى خىزمىتى نىزامى» قاتارلىق مۇھىم قانۇن ـ نىزاملارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق، كەنتتىكىلەرنى قانۇن بىلىملىرىنى ئىگىلەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇلارنىڭ قانۇن ئېڭى ۋە ھوقۇقىنى قوغداش ئېڭىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈشنى، دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ سىڭىپ كىرىشىگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مەقسەت قىلدۇق. تەربىيەلەش ئۇسۇلىدا تېخىمۇ ياخشى ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدىنىۋاتىمىز.

  خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار كەنتكە چۈشكەندىن بۇيان ئۆيلەرنى ئارىلاش، ئەل رايىنى ئىگىلەش جەريانىدا نامراتلىقنى تۈگىتىش خىزمىتىنىمۇ مۇھىم خىزمەت قاتارىدا چىڭ تۇتۇپ ئىشلىدى. كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش ھەققىدە كۆپ قېتىم كەنت رەھبەرلىرى بىلەن پىكىرلىشىپ، كەنت بويىچە 29 نامرات ئائىلىگە كىرىپ ئۇلارنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى، ئائىلە شارائىتىنى تەپسىلىي خاتىرىلىدى، ئۇلارنى بۇنىڭدىن كېيىن قانداق قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ھەققىدە تەدبىر ۋە لايىھە تۈزدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق كەنتتىكى 20 نامرات ئائىلىگە يەر تەۋرەشكە چىداملىق ئۆي سېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ھېس قىلىپ، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بۇ ئىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاۋغۇستقىچە ئۆينى پۈتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىشقا ئاساس سالدى.

  ئىگىلىشىمچە، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار نامرات ئائىلىلەرنى كەسىپلەر بويىچە تەربىيەلەش، تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەشنى قارار قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا بۇ ھەقتە مەخسۇس دوكلات سۇنغان، نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئۆيلىرىگە كىرىپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، خىزمەت گۇرۇپپىسى باشلىقى ليۇ خۇەيچۈن ئۆز يېنىدىن 12 مىڭ يۈەن چىقىرىپ، ئۇلارغا ياردەم قىلغان. خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ كادىرى چېڭ باۋجۇڭ ساخاۋەت ئورۇنلىرىنى ھەرىكەتكە كەلتۈرۈپ، 100 قۇرغا يېقىن كىيىم-كېچەك ئەكېلىپ كەنتتىكىلەرگە تارقىتىپ بەرگەن. 8 ـ مارت خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار كەنتتىكىلەر بىلەن بىرگە كەنت ئاھالىلەر كومىتېتى قورۇسىدا «8 ـ مارت» خەلقئارا ئەمگەكچى ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلىگەن، خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكىلەر كەنت ئاياللىرىغا دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن ـ بەلگىلىمىلىرى ۋە قانۇنسىز دىنىي پائالىيەتلەرنى تۈزەپ، ئەسەبىي ئىدىيەنىڭ سىڭىپ كىرىشىنى توسۇش ھەققىدىكى بىلىملەرنى تەشۋىق قىلغان. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار يەنە كۆپ قېتىم تەشۋىقات ـ تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «تويلىشىش قانۇنى»، «ئاياللارنىڭ ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى قوغداش قانۇنى» قاتارلىقلاردىن زېھىن سىناش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزگەن؛ دېھقانلارنىڭ ئېتىز ـ ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئاممىنىڭ قەلبىنى ھەقىقىي مايىل قىلغان.

  سۈرەتتە: خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نۇرگۈل كېرەم دەرس ئۆتمەكتە.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

 سۈرەتلەر