خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 9 – ئاپرېل، كورلا شەھىرى خۇددى نەشپۈت چېچىكى دۇنياسىغا ئايلانغاندەك گۈزەل تۈسكە كىردى. شۇ كۈنى 2016 - يىللىق جۇڭگو «يىپەك يولى» كورلا نەشپۈت چېچىكى مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمى داغدۇغۇلۇق باشلاندى.
كورلا شەھىرىنىڭ ھەممىلا يېرى ئاق رەڭلىك نەشپۈت چېچىكى لىباسىنى كىيگەن، كورلا شەھىرىنىڭ لەنگەر يېزىسىدىكى چوڭ كۆلەملىك نەشپۈتزارلىق ئادەم دېڭىزىغا ئايلانغان بولۇپ، ساياھەتچىلەر نەشپۈت چېچىكى سەيلىسىنى باشلىۋەتكەنىدى.
- دۆلەتنىڭ «بىر يول، بىر بەلباغ» ئىستىراتېگىيەسىنىڭ تۈرتكىسىدە، «يىپەك يولى ساياھەتچىلىكى» تۈرىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇش، شۇنداقلا رايونلار تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نۆۋەتلىك نەشپۈت چېچىكى مەدەنىيەت، ساياھەت بايرىمى ئاپرېلدىن باشلىنىپ كېلەر يىلى فېۋرالغىچە داۋاملىشىدۇ. بۇ جەرياندا بىز مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، تۈرلۈك مۇسابىقىلەر، ساياھەت بايراملىرى، ئۆزگىچە مىللىي يېمەك - ئىچمەك بايراملىرى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، كورلىنىڭ خاس نەشپۈت مەدەنىيىتىنى، مول ساياھەت بايلىقىنى، جەزبىدار ۋە ئىناقلىققا، ئىتتىپاقلىققا تولغان شەھەر قىياپىتىنى نامايەن قىلىمىز،- دېدى كورلا شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى خۇ يەن ماڭا.
9-ئاپرېل، لەنگەر يېزىسىدا «يۇرتىمىزدا مەشرەپ ___ لەنگەردە چېچەك بايرىمى» پائاليىتى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، پائالىيەتتە لەنگەر يېزىسىدىكى دېھقانلاردىن تەشكىللەنگەن سەنئەت ئۆمىكى، دېھقان شائىر، يازغۇچىلار، نەشپۈتچىلىك چوڭ ئائىلىسىدىكىلەر سەھنىگە چىقىپ مول مەزمۇنلۇق نومۇرلارنى ئورۇندىدى، شېئىر-نەزمىلەرنى ئوقۇدى.
- نەشپۈت چېچىكى بايرىمىنى ئۆتكۈزۈش كورلا شەھىرىنىڭ نامىنى چىقىرىش بىلەن بىللە، ئاساسلىقى يەنە بۇ يەردە ياشاۋاتقان دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر، ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق كىرىمنى ئاشۇرۇپ، نامراتلىقنى تۈگىتىپ، ھاللىق سەۋىيىگە بالدۇرراق يېتىش نۆۋەتتىكى شەھەرلىك پارتكومنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى، نۆۋەتتە كورلا شەھىرىدە 410 مىڭ مو نەشپۈتزارلىق بار، ھازىر نەشپۈتچىلىكتىن كىرىدىغان كىرىم دېھقانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كەلگەن كىرىمىنىڭ %36 نى ئىگىلەيدۇ، 2020 - يىلىغا بارغاندا شەھەر بويىچە نەشپۈتزارلىق كۆلىمىنى 500 مىڭ موغا، دېھقانلارنىڭ نەشپۈتچىلىكتىن كىرىدىغان كىرىمىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمدە ئىگىلىگەن نىسبىتىنى %60 گە يەتكۈزىمىز. بىز نەشپۈتنىڭ داڭقىنى چىقىرىش ئارقىلىق دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، تېزدىن ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈشكە تىرىشىمىز،- دېدى شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى رېھىمجان كېرەم ماڭا.
سۈرەتتە: نەشپۈت چېچىكى پەرىلىرى چېچەكزارلىقتا.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى