باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

پولشا سىمولېنسىكايا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ 6 يىللىقىنى خاتىرىلىدى

2016.04.11 15:10         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  پولشا ھۆكۈمىتى تۈنۈگۈن ھەر خىل پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، سىمولىنسىكايا ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ ئالتە يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

  خاتىرىلەش پائالىيىتى پولشانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلدى، ئاساسلىق مەيدان پايتەخت ۋارشاۋاغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 41 مىنۇت ئۆتكەندە، مەملىكەت بويىچە كۆپ شەھەرلەردە سىگنال بېرىلىپ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان 96 كىشى خاتىرىلەندى. پولشا زۇڭتۇڭى دۇدا، زۇڭلىسى سېدىۋو، قازا قىلغان سابىق زۇڭتۇڭ لەيخ كاچىنىسكىينىڭ قوشكېزەك ئاكىسى ھەمدە باشقا قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرى ۋارشاۋا ھەربىيلەر قەبرىستانلىقىدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى.

  شۇ كۈنى، پولشا ھۆكۈمىتى يەنە ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەۋەتىپ ئايروپىلان ۋەقەسى بولغان جاي سىمولىنىسكايادا ئۆتكۈزۈلگەن خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتناشتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر