باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياپونىيە پۇقرالىرى ھۆكۈمەتنىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسىدىكى سۆز ھەرىكەتلىرىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى

2016.04.11 15:09         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  يەتتە دۆلەت گۇرۇھقا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 10-ئاپرېل ياپونىيەنىڭ خىروشىمادا يېپىلىش ئالدىدا، يۈزگە يېقىن ياپونىيە پۇقراسى يىغىلىش ئۆتكۈزۈپ، ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ يادرو قوراللار مەسىلىسىدىكى سۆز ھەرىكىتىنىڭ بىردەك بولمىغانلىقىغا ئېتىراز بىلدۈردى، ھەمدە يېڭى ئامانلىقنى ساقلاش قانۇنىغا قارشى تۇردى.

  شەھەر ئاھالىلىرى مۇنداق دېدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى ئېغىزىدا يادرو ھەربىي ھازىرلىقلارنى قىسقارتىش ۋە يادروسىزلاشتۇرۇشنى مۇراجىئەت قىلسىمۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە، يادرو ماتېرىياللىرىنى كۆپلەپ سېتىۋېلىپ، كىشىنى ئەندىشىگە سالماقتا.

  خىروشىما ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى مۇنداق دەپ ھسابلىدى: ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىروشىمادىكى يادرو قوراللىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ساداسىغا پىسەنت قىلماي، يېڭى ئامانلىقنى ساقلاش قانۇنىنى مەجبۇر ماقۇللاپ، ئۇرۇش ئىلىپ بېرىش تۈزۈلمىسىنى ئورناتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزمەكچى بولماقتا. ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىروشىمادا يەتتە دۆلەت گۇرۇھقا ئەزا دۆلەتلەر دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى تاللىشىدىكى مەقسىتى، ئۆزىنىڭ تىنچلىقنى سۆيىدىغانلىقىدەك ئوبرازىنى تىكلەپ، ئاممىنىڭ ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش قاتارلىق سۇيىقەستلەرگە بولغان ھوشيارلىق ئېڭىنى تۆۋەنلىتىشتىن ئىبارەت. خىروشىمانىڭ نامىنى قالايمىقان قوللىنىشتەك بۇ خىلدىكى ئالدامچىلىق ئۇسۇلى، يادرو قوراللارنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىلارغا بولغان ھاقارەت بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر