باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ قىسمەن ئۆلكىلىك (شەھەرلىك) ھۆكۈمەتنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن ئىقتىساد ۋەزىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئىشەنچنى مۇستەھكەملەپ، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى تۆۋەن تەڭ كۈچ چىقىرىپ تەرەققىياتنى چىڭ تۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىزچىل مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشى ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ توپلىشىمىز كېرەك

جاڭ گاۋلى سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

2016.04.12 14:48         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاپرېل قىسمەن ئۆلكىلىك (شەھەرلىك) ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى بىلەن ئىقتىساد ۋەزىيىتى سۆھبەت يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىنى تەتقىق قىلدى ۋە كېيىنكى باسقۇچلۇق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا خېبېي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جاڭ چىڭۋېي، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى چېن چيۇفا، جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى گو شۇچىڭ، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى دۇ جياخاۋ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى جۇ شياۋدەن، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ باشلىقى خۇاڭ چىفەن، چىڭخەي ئۆلكىسىنىڭ باشلىقى خاۋ پېڭلار ئۆز جايىنىڭ ئىقتىساد ئەھۋالىنى دوكلات قىلىپ، ئالاقىدار تەكلىپلەرنى بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق قارىدى: بۇ يىلدىن بۇيان، جايلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ قارار ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ باشلىنىشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇپ، ئايلىنىشى مۇۋاپىق دائىرىنى ساقلىدى، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال قىلىش، كارخانا ئۈنۈمى قاتارلىق مۇھىم ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەر ۋە قىسمەن ئالدىن كۆرەر كۆرسەتكۈچلەردە پائال ياخشىلىنىش بولۇپ، مۆلچەردىن ئېشىپ، بازار ئىشەنچىنى كۈچەيتتى، بولۇپمۇ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ يېتىلىشى ئەنئەنىۋى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى تۈگىتىش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا مۇھىم رول ئوينىدى، ئالدىنقى باسقۇچتا قوللانغان بىر تۈرلۈك سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز روشەنلەشتى، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتە يەنىلا زور كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشىنىڭ ئامىللىرى كۆپىيىۋاتىدۇ، لېكىن ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمى يەنىلا بىر قەدەر ئېغىر، خەلقئارا مۇھىتتىكى يېڭى تۇراقسىز، ئېنىقسىز ئامىللار يەنىلا كۆپىيىۋاتىدۇ، مەملىكەت ئىچى ئەمەلىي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىمۇ مۇرەككەپ قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتىدۇ، قىسمەن ساھەلەرنىڭ خەتىرىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ، چوقۇم خىرىسقا باش ئەگمەي، بېسىمغا تاقابىل تۇرۇپ، ئاساسنى چىڭىتىپ، مەركەز ۋە يەرلىك ئىككى تەرەپنىڭ ئاكتىپلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىش ۋەزىيىتىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز كۈچ توپلىشىمىز كېرەك.(شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر