باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

مالايسىيانىڭ يېمەك - ئىچمەكلىرى شىنجاڭدا تونۇشتۇرۇلدى

2016.04.12 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مالايچە مانگو سالاتى، مالايچە ئاچچىق سىياھ بېلىقى سالاتى، گالى قوي گۆشى، كوكۇس خۇشبۇي تامىقى، مالايچە ئۇنىۋېرسال كاۋاپ، ئاچچىق راك سالاتى . . . 2-ئاپرېل، مالايسىيا مەززىلىك تائاملار بايرىمى خۇالىڭ ياگاۋ مېيجۆ ئالىي مېھمانخانىسىدا باشلاندى، تاكى 16 - ئاپرېلغا قەدەر، ھەر مىللەت شەھەر ئاھالىسى كەچلىك تاماق ۋاقتىدا مالايسىيادىن ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان ئاشپەزلەر تەييارلىغان مالايچە يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك - ئىچمەكلەردىن بەھرىمەن بولالايدۇ، يەنە كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان مالايچە مىللىي سەنئەت نومۇرلىرىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ چەت ئەل يېمەك - ئىچمەكلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەخسۇس شىنجاڭنىڭ يۇلتۇز دەرىجىلىك مېھمانخانىسى بىلەن ھەمكارلىشىشى بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېمەك - ئىچمەك، ناخشا - ئۇسسۇللىرى تونۇشتۇرۇلىدىكەن.

  تونۇشتۇرۇلۇشىچە، بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى مالايسىيانىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللىغان. بۇندىن كېيىن، خۇالىڭ ياگاۋ مېيجۆ ئالىي مېھمانخانىسى كەلگۈسىدە يەنە باشقا باش ئەلچىخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يېمەك - ئىچمەك پائالىيىتىنى ئۆتكۈزىدىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، 6 – ئايدا مېكسىكا يېمەك - ئىچمەك بايرىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر