باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر ئۈندىدار جامائەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى ئىشلىتەلەيدىغان بولدى

2016.04.12 14:35         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ جامائەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىدىن ئىگىلىشىچە، شىنجاڭدىكى ئاھالىلەر جامائەت گۇۋاھلىقى بېجىرگەندە، جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنىغا بېرىپ يۈرمەي، ئۈندىدار ئارقىلىق جامائەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتىنى خالىغان ئورۇندا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، تۇنجى قېتىم ئېچىۋېتىلگەن ئۈندىدار جامائەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتىدە تۇغۇلۇش، قانداشلىق، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، ئوقۇش تارىخى، ئىلمىي ئۇنۋان، تىجارەت كىنىشكىسى قاتارلىقلاردا چەتكە چېتىشلىق جامائەت گۇۋاھلىقى ئىشلىرىنىمۇ بېجىرگىلى بولىدىكەن. مۇنداقچە قىلىپ ئېيىتقاندا، شىنجاڭنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى چەت ئەلگە چىقىپ ساياھەت قىلىش، تۇغقان يوقلاش، چەت ئەلگە چىقىپ ئوقۇش قاتارلىق ئىسپاتلارنى بېجىرىشكە توغرا كەلگەندە، ئۈندىدار ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىشقا بولىدىكەن.جامائەت گۇۋاھلىقى بېجىرگۈچىلەر ئۈندىداردا ئىككى خىل يول ئارقىلىق جامائەت گۇۋاھلىقى بېجىرسە بولىدىكەن: بىرىنچىسى، ئۈندىداردا «شىنجاڭ ئۈرۈمچى شەھىرى فانو جامائەت گۇۋاھلىقى ئورنى» (ئۈندىدار جامائەت نۇمۇرى: xjwlmqsfngzc) دا جامائەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىشنى بېسىپ، جامائەت گۇۋاھلىقى ئىلتىماس قىلىشنى بىۋاسىتە بېجىرسە بولىدىكەن؛ ئىككىنچىسى، ئۈندىدارغا تىزىملىتىپ، «ھەميان» ئىچىدىكى «شەھەر مۇلازىمەتچىلىكى»نى ئېچىپ ھەم ئورنىنى ئۈرۈمچى قىلىپ بەلگىلەپ، «جامائەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتى»نى تاللاش ئارقىلىق جامائەت گۇۋاھلىقى كەسپىنى بېجىرىشكە بولىدىكەن.

  شىنجاڭ جامائەت گۇۋاھلىقى جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ، شىنجاڭ جامائەت گۇۋاھلىقى سىستېمىسىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۈندىداردا جامائەت گۇۋاھلىقى مۇلازىمىتى بېجىرىشى. جامائەت گۇۋاھلىقى بېجىرگەندە پەقەت شەخسىي ئۇچۇرىنى ئەينەن تولدۇرۇپ ھەم كېرەكلىك ئىسپات ماتېرىياللىرىنى سۈرەتكە تارتىپ يۇقىرىغا يوللىغاندىن كېيىن ھەق تاپشۇرسىلا ئىلتىماس تاماملىنىدۇ، پۈتۈن جەريان بەش مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. بېجىرىش جەريانىدا ئىلتىماس قىلىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرگىلى بولىدۇ، ئەڭ تېز بولغاندا 48 سائەتتە بېجىرىپ بولغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر