- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەركەزنىڭ ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى
2016.04.12 15:00 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يېقىندا ھەر دەرىجىلىك پارتكوملار مەركەزنىڭ ئىككىنى ئۆگېنىش بىردە لاياقەتلىك بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنىڭ تەلىپى ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، بارلىق پارتىيە ئەزالىرى ئارىسىدا پارتىيە نىزامنامىسىنى ئۆگىنىش، يۈرۈشلۈك مۇھىم سۆزلەرنى ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ،لاياقەتلىك پارتىيە ئەزالىرىدىن بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىككىنى ئۆگىنىش بىردە لاياقەتلىك بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈردى.
شاڭخەي شەھەرلىك پارتكوم دائىمىي كومىتېت يىغىنىنى ئېچىپ، ھەر دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاچقۇچلۇق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شاڭخەي شەھەرلىك پارتكومنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جەمئىيەتنى تۈزەشتە يېڭىلىق يارىتىش، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە شەكىللەنگەن مۇۋەپپەقىيەتلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئەمەلىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
خۇبېي ئۆلكىلىك پارتكوم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككىنى ئۆگىنىش بىردە لاياقەتلىك بولۇشتا ئىدىيەۋى ئېتىقاد قۇرۇلۇشى، ئىدىيەۋى نەزەرىيە قۇرۇلۇشى، سىياسىي قۇرۇلۇش، پارتىيەۋىلىك قۇرۇلۇش، ئىقتىدار قۇرۇلۇشى قاتارلىق بەش قۇرۇلۇشنى گەۋدىلىك كۈچەيتىش لازىم.
جىلىن ئۆلكىلىك پارتكوم مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىككىنى ئۆگىنىش بىردە لاياقەتلىك بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىدە دائىملىق تەربىيەنىڭ ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، پارتىيە ياچېيكىسىنى ئاساسىي ئورۇن قىلىش، پارتىيە تەشكىلاتى تۇرمۇشىنى ئاساسىي شەكىل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دېموكراتىك باھالاش قاتارلىق پارتىيە ئەزالىرىنىڭ دائىملىق تەربىيەلەش باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تايانچ قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەكتىپى، مەمۇرىيەت ئىنستىتۇتى، كادىرلار ئىنستىتۇتى قاتارلىق تەربىيەلەش يوللىرىدىن ياخشى پايدىلىنىش لازىم.
گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يېقىندا پارتكوم يىغىنى ئېچىپ، يېقىنقى مەزگىلدە ئىككىنى ئۆگىنىش بىردە لاياقەتلىك بولۇش ئۆگىنىش تەربىيەسىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورگانلارنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ يولغا قويۇش لايىھەسى، ئاساسى قاتلام پارتىيە ئىشلىرى تايانچلىرىنى تەربىيەلەش ئۆگىنىش تەربىيەسىدە ئۈلگە كۆرسىتىش كۇرسىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر