باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى ج خ ئىدارىسى بىلەن بىرلىكتە باج يىغىش ۋە تاپشۇرۇش ئالاقە مېخانىزمى ئورناتتى

2016.04.12 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىن تۇرغۇن سېيىت) «دۆلەت بېجى ، يەرلىك باجنى ئېلىش-باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى »نىڭ ئالاقىدار تەلىپىنى يەنىمۇ ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى بىلەن باج يىغىش-تاپشۇرۇش ئالاقە مېخانىزىمى ئورنىتىپ، ئىككى ئىدارىنىڭ ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، باجغا چېتىشلىق دېلو خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، باج پۇلىنىڭ ئېقىپ كېتىشىدىن ساقلاندى.

  بىرىنچىدىن، قەرەللىك ماسلاشتۇرۇش يىغىنىنى قانات يايدۇردى. ئىككى ئىدارە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم يىغىن ئېچىپ، دېلونى رازۋېدكا قىلىش جەريانىدىكى باج پۇلىغا چېتىشلىق دېلولارغا مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، ئىككى ئىدارىنىڭ باجغا چېتىشلىق دېلو توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، كونكرېت دېلونىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ۋاقتىدا دوكلات قىلىپ، ئىشلارنى جىپسىلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىشقا ئاسانلىق ياراتتى.

  ئىككىنچى، يەككە دېلولارنى تىزىملاشنى قانات يايدۇردى. ئومۇمەن دېلودىكى تەكشۈرۈلگۈچى خادىملار تەرىپىدىن رويخەتكە ئالدۇرۇلغان جاي ئاۋات ناھىيەسىدىكى كارخانا ۋە تەشكىلاتلار بولسا، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈپ تىزىملاش دائىرىسى ئىچىدىكى دېلولارنى بېكىتكەندە، دۆلەت باج ئىدارىسىغا يازما ئۇقتۇرۇش قىلدى. دۆلەت باج ئىدارىسى ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۋالغاندىن كېيىن، باجغا ئالاقىدار باھالاشنى تەرتىپ بويىچە قانات يايدۇرۇپ، ئالاقىدار قانۇنلاردىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە تەكشۈرۈلگۈچىدىن باج ( ھەققى ) پۇلى يىغقاندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە ئىككى خىزمەت كۈنىدە ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئىنكاس قىلدى.

  ئۈچىنچى، باجغا ئالاقىدار ئۇچۇر سۇپىسى قۇرۇشنى قانات يايدۇردى. دۆلەتلىك باج ئىدارىسى ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇش بىلەن بىللە، باجغا چېتىشلىق دېلو ئۇچۇرلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش سۇپىسىنى قۇردى. جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى دېلونى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا ئالاقىدار تەرەپتە باجغا چېتىشلىق گۇمانلىق ھەرىكەت بارلىقىنى بايقىغاندا، دۆلەت باج ئىدارىسىگە يازما شەكىلدە ئۇقتۇرۇش قىلدى. دۆلەت باج ئىدارىسى باج تاپشۇرۇشتىكى گۇمانلىق ئائىلىنى تىزىملاش دەپتىرىنى ئورنىتىپ، قانۇن بويىچە گۇمانلىق ئائىلىلەرگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر