باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

«چېچەك بەزمىسى-فوتو سۈرەت بايرىمى» ئۇچتۇرپانلىقلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇردى

2016.04.12 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ)

  ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئوتبېشى يېزىسىنىڭ ئۆرۈكلۈك كەنتىدىكى پائالىيەت مەيدانىغا كىرىشىڭىز بىلەنلا چېچەكنىڭ خۇش پۇرىقىغا قوشۇلۇپ كەتكەن كاۋاپ، ئۆپكە-ھېسىپ، پولۇ، پوشكال ۋە تۈرلۈك پىشۇرۇقلاردىن چىققان مەززىلىك پۇراقلار ئىشتېيىڭىزنى ئېچىپ، يەرلىك تائاملارغا ئېغىز تەگكۈڭىزنى كەلتۈرىدۇ. ئۇ يەردىن يەنىمۇ ئىچكىرىلەپ غەربىي شىمالغا قاراپ ماڭسىڭىز، كىچىك تىپتىكى پۇقراۋى كارخانىلار، يەرلىك قول ھۈنەرۋەنلەر ۋە دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپلىرىنىڭ يايما ئورنىغا بارىسىز. بۇ يايما ئورنىدا دېھقان كارخانىچىلار ئۆز قولى بىلەن تۈجۈپىلەپ ئىشلەپچىقارغان ئۆرۈك، ياڭاق، چىلان، جىگدە، جىغان، زىرىقتىن ئىشلەنگەن دورىلىق ۋە ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلارغا ئېغىز تېگىش بىلەن بىللە، يەنە مىللىي قول ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىدىن قانغۇچە بەھىرلىنەلەيسىز. بۇ قايناق مەنزىرىلەردىن بۇ بايرامنىڭ يەرلىك كىشىلەرنىڭ ئۆز مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشتىكى ياخشى بىر سەھنە بولغانلىقىنى كۆرۈۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.

  ئاقيار نۇربىيە مىللىي قول ھۈنەر بۇيۇملىرى كارخانىسى 20 نەچچە خىل قول ھۈنەر بۇيۇمىنى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىشقا ئەكەلگەن بولۇپ، بۇ قېتىمقى بايرام ئۇلار ئۈچۈن مەھسۇلاتلىرىنى تەشۋىق قىلىشتىكى ياخشى بىر سەھنە بولۇپتۇ. كارخانا مەسئۇلى نۇربىيە ئەخەتنىڭ دېيىشىچە، بۇ كارخانا ئەمدىلا قۇرۇلغان بولغاچقا، نۇرغۇن كىشى بۇ كارخانىنى تېخى بىلمەيدىكەن، گەرچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىشى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان بولسىمۇ، بىراق بۇ قېتىمقى كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى يىراق-يېقىنغا تەشۋىق قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىپتۇ. بۇمۇ ئۇلار ئۈچۈن چوڭ غەلىبە ھېسابلىنىدىكەن.

  ئوتبېشى يېزىسى باشئاقما كەنتىدىكى تۆگە باقمىچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چارۋىچى ھەسەن سىدىق بايرام پۇرسىتىدە بەش تۇياق تۆگىسى ئارقىلىق خېلى ئوبدانلا كىرىم قىلىپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئۆرۈكلۈك بېغىدا تۆگە بىلەن سۈرەتكە چۈشۈش ۋە تۆگىگە مىنىپ سەيلى قىلىش كەسپىنى يولغا قويغان بولۇپ، ھەسەن سىدىقنىڭ ئۆرۈكلۈك بېغىدىن ساياھەتچىلەرنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەپتۇ. ئۇ بىر كۈن ئىچىدىلا 2000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلىپتۇ. ھەسەن سىدىق مۇنداق دېدى: «بۇ تىجارەت ھەقىقەتەن بولىدىكەن، چېچەك بايرىمىنىڭ كەنتىمىزدە ئۆتكۈزۈلۈشى ماڭا ئوخشاش دېھقانلارغا تېپىلغۇسىز پۇرسەت بولدى. ساياھەتچىلەر بۈگۈنكىدەكلا كۆپ كېلىدىغان بولسا، ئائىلەمنىڭ ئىقتىسادىي كىرىمىمۇ ئوبدانلا ئېشىپ قالغان بولاتتى».

  بۇ بايرامدا يەنە چىرايلىق بېزەلگەن ئات، ئېشەك ھارۋىلىرىمۇ ساياھەتچىلەرگە ئېستېتىك زوق ئاتا قىلىپ، يەرلىك دېھقانلار ئۈچۈن ئوبدانلا كىرىم يارىتىدىغان پۇرسەت بولدى. 70 دانە چىرايلىق بېزەلگەن، ئۇلاغ قېتىلغان بېزەك ھارۋا پائالىيەت لىنىيەسى ئىچىدە توختىماستىن ئايلىنىپ يۈرۈپ، ساياھەتچىلەرنى توشۇدى. ئوتبېشى يېزا قوشتاغ كەنتىدىن كەلگەن دېھقان مەمەت ئەلى ئىككى بېزەك ھارۋىسىنى ساياھەتچىلەرنى توشۇش ئۈچۈن ئەكەلگەن بولۇپ، پائالىيەت باشلىنىپ بىر سائەت ئىچىدىلا پۈتۈن لىنىيەنى بەش قېتىم ئايلىنىپ، 80 ساياھەتچىنى مەنزىلىگە يەتكۈزۈپ، 400 يۈەندىن ئارتۇق پۇل تاپتى. مەمەت ئەلىنىڭ دېيىشىچە، ساياھەتچىلەر ھارۋىسىغا بىر قېتىم ئولتۇرسىلا بەش يۈەن پۇل ئالىدىكەن، قەيەردە چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ساياھەتچىلەر ئۆزلىرى بېكىتسە بولىدىكەن. مەمەت ئەلى مۇنداق دېدى: - «بۇنداق بايراملارنىڭ داۋاملىق ئۆتكۈزۈلۈپ تۇرۇشىنىڭ بىزگە ھەقىقەتەن پايدىسى باركەن، مەن دەسلەپتە ئۇلاغ ھارۋىسى بىلەنمۇ پۇل تاپقىلى بولامدۇ، دەپ ئويلاپتىكەنمەن، ئازراقمۇ مەبلەغ سالماي، ئۆيىمىزدە بار نەرسىلەر بىلەنمۇ پۇل تاپقىلى بولىدىغانلىقىنى ئەمدى ھېس قىلدىم.»

  ناھىيەلىك ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ يى مۇنداق دېدى: «مىللىيچە تائاملار يايما ئورنىدىن 200 كىشىلىك، باشقا كۆرگەزمە قىلىپ سېتىش ئورنىدىن 50 كىشىلىك تەسىس قىلغان ئىدۇق، بۇ ئورۇنلار ئېھتىياجنى قامدىيالماي قالدى، كېيىنكى قېتىمدا يايما ئورنىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىمىز».

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر