باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

خەن چاڭفۇ: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئۇدا ئاشۇرۇشنى قوغلاشمايمىز

2016.04.12 15:01         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  13-بەش يىللىق پىلانغا نەزەر يۈرۈشلۈك دوكلات يىغىنى 11-ئاپرېل بېيجىڭدا ئېچىلدى. يېزا ئىگىلىك مىنىستىرى خەن چاڭفۇ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتى ئۈنۈمى ۋە رىقابەت كۈچىنى ئۆستۈرۈش ئۈستىدە دوكلات بەردى. ئۇ 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئۈستىدە توختالغاندا يەنىلا ئاشلىق مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى. خەن چاڭفۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە بىز ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئۇدا ئاشۇرۇشنى قوغلاشمايمىز، لېكىن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى مۇستەھكەملەيمىز. بازار ئېھتىياجى بولسىلا، ئىشلەپچىقارغىلى ۋە تەمىنلىگىلى بولىدۇ. خەن چاڭفۇ ھازىر جەمئىيەت كەك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان كۆممە قوناق تېرىلغۇ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، سۈت سۈپىتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى نەزەردە تۇتۇپ مۇنداق دېدى : يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇپ تەڭشەيمىز، يېزا ئىگىلىك ئۈنۈمى ۋە دېھقانلارنىڭ كىرىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈمىز. ئاخىرىدا سېغىن كالىلار سورتىنى ياخشىلايمىز. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ سۈتچىلىك كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان سۈت مەھسۇلاتلىرى 2000-يىلى سەككىز كىلوگرامغا يەتمىگەن بولسا، ھازىر تەخمىنەن 30 كىلوگرامدىن ئاشتى. بۇنىڭدىن كېيىن سۈت مەنبەلىرى بازىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سورتنى ياخشى تاللاپ يېتىشتۈرۈپ، ئوت چۆپلەرنى ياخشى تېرىپ، كالىلارنى ياخشى بېقىپ، سۈت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش، ماركا يارىتىش ئارقىلىق، دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ سۈتچىلىك كەسپىگە بولغان ئىشەنچىنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر