باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى رەتكە سېلىنىدۇ

2016.04.12 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىشتىكى قاتناش بىخەتەرلىكىنى مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلىرى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنىدۇ. مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مەخسۇس نازارەت قىلىشىدىن ئايان بولۇشىچە، ئاز ساندىكى مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى ۋاقتى ئۆتسىمۇ بىراك قىلماسلىق، تەكشۈرتمەسلىك، قارا مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى ۋە دېھقانچىلىق ماشىنىلىرى بىلەن يېزىلاردىكى ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، يەسلى بالىلىرىنى مەكتەپكە توشۇش قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا گەۋدىلىك ئىكەن. مەكتەپلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارغا چېتىلىدىغان ئاپتوبۇسلارنىڭ بىخەتەرلىك ھەرىكىتىدە يوشۇرۇن خەۋپ بىر قەدەر زور ئىكەن. شۇڭا مائارىپ مىنىستىرى يۈەن گۇيرېن مائارىپ تارماقلىرى مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىشتىكى قاتناش بىخەتەرلىكى مەخسۇس رەتكە سېلىش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىندا ئوقۇش، ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇش، ئاممىۋىي قاتناش مەكتەپلەرگە كىرىپ مەكتەپ ئاپتوبۇسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئەتسە ئالدىن بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش پىرىنسىپى بويىچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش، مەكتەپتىن قايتىشتىكى قاتناش مەسىلىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ھەل قىلىش كېرەك. مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم ئېلىپ مېڭىش قاتارلىق خەتەرلىك ماشىنا ھەيدەش قىلمىشلىرىنى جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزۈش تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، قانۇنسىز مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى ئوقۇغۇچىلار ۋە يەسلى بالىلىرىنى توشۇشنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك. يەسلى بالىلىرى مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىدا ئۇنتۇلۇپ قېلىش ۋەقەلىرىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  مۇئاۋىن جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرى خۇاڭ مىڭ ۋەقە يوشۇرۇن خەۋپىنى بالدۇر تۈگىتىش كېرەك، دېدى.

  ئۇ مۇنداق دېدى: لاياقەتسىز تىجارەت ماشىنىلىرىنى قەتئىي ئەمەلدىن قالدۇرۇش، مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئادەم ئېلىپ مېڭىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قەتئىي تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، پەۋقۇلئاددە زور ۋەقەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش لازىم.

  مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۇزۇندىن بېرى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن لاياقەتسىز مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىنى يەنىلا توسقىلى بولمىدى، خەتەرلىك رايونلاردا يەنىلا مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرى يۈز بېرىپ تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئەمەلىي ئەھۋالنى چىقىش قىلىپ، مادارىغا قاراپ ئىش قىلىش كېرەك.

  ئۇ مۇنداق دېدى: نۇرغۇن رايونلار شارائىت ھازىرلىمىغان ئەھۋالدا لاياقەتسىز مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىنى سەپلىدى، بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك ئىش. شارائىتى بولسا مەكتەپ ئاپتوبۇسلىرىنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرسا بولىدۇ،لېكىن شارائىتى بولمىسا مەن بۇنداق قىلىشنى تەشەببۇس قىلمايمەن. يېزا رايونلىرى، تاغلىق رايونلاردا بەزى جايلار يول قاتناش شارائىتىنى ھازىرلىمىغان. مەن ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ،ئۆز يېرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا يارىشا ئىش كۆرۈپ، قاتناش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشىنى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يول قاتناش بىخەتەرلىك خەۋپىنى زور دەرىجىدە ئازايتىشنى تەشەببۇس قىلىمەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر