- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ئىلچى دىيارىدا ئۈمىد نۇرلىرى
خوتەن ۋىلايىتىنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىدىن خاتىرىلەر
2016.04.12 14:24 مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى
مۇقەددىمە ئورنىدا
مارتتا قەدىمىي ئىلچى دىيارىنىڭ ھەممىلا يېرى باھار تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، يول بويىدىكى مەجنۇنتال، مەنزىرە دەرەخلىرى قىشلىق ئۇيقۇسىدىن ئويغىنىپ، ئۈستىباشلىرىغا يېڭى يېپىنچىلىرىنى ئارتقانىدى. دېھقانلارنىڭ ھويلا - ئارانلىرىدىكى ئۆرۈكلەر بەس - بەستە چېچەكلەپ، ئەتراپقا ئۆزگىچە پۇراقلارنى تارقىتىپ تۇراتتى. سەھرا يوللىرىنىڭ ئىككى تەرىپىدە رەتلىك تىزىلىپ تۇرۇشقان، بىر قارىماققا كىشىگە خۇددى مېھمانلارنىڭ ئالدىغا چىققاندەك تۇيغۇ بېرىدىغان سۇۋادان تېرەكلەر ئوبدانلا پوتلا چىقارغان بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ پات ئارىدا يېشىل كىمخاب تون كىيىدىغانلىقىدىن بېشارەت بېرىپ تۇراتتى. ئېتىز بېشى ۋە ياڭاقلىق، چىلانلىق، ئۆرۈكلۈك باغلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە دېھقانلار ئېتىز - ئېرىق ئىشى بىلەن ئالدىراش يۈرەتتى، بىز مانا مۇشۇنداق ھەممە يەر گۈل - چېچەككە، يېشىللىققا تولغان، ھەممە كىشى ئۈمىد نۇرىغا چۆمگەن ئاسايىشلىق چاغلاردا خوتەن ۋىلايىتىنىڭ بىر قىسىم يېزا - كەنتلىرىگە بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئامما بىلەن كەڭ - كۇشادە مۇڭداشتۇق ھەم ئۇلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىگە قۇلاق سالدۇق.
باراڭلار ھەققىدە پاراڭلار
چىرا ناھىيەسىدە دېھقانلارنىڭ ئىشىك ئالدى، ھويلىلىرى، ئۆستەڭ بويى ۋە بەزى يوللارنىڭ ئىككى قاسنىقىغا ياغاچتىن ياسالغان چىرايلىق ئۈزۈم باراڭلىرى دىققىتىمىزنى تارتتى. بولۇپمۇ، بەزى يېزا، كەنتلەرنىڭ يوللىرى باراڭلىق بولۇپ، ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان باراڭلار ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.
−− بۇ باراڭلار ھەم يېزىلىرىمىزنىڭ يېڭى بىر مەنزىرە نۇقتىسى، ھەم دېھقانلىرىمىزنىڭ تىللا تۆكۈلىدىغان دەرىخى بولۇپ قالدى، −− دەپ ئەھۋال تونۇشتۇردى چىرا ناھىيەلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ خادىمى ليۇ فۇ.
دەرۋەقە، ھەممىلا يەردە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدىغان بۇ باراڭلار چىرانىڭ يېزا، كەنت ۋە كۆجۈم مەھەللىلىرىنى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگۈزگەنىدى، شۇنداق بولغاچقىمۇ، بىز ئۆزىمىزنى ئەزەلدىن قەدەم بېسىپ باقمىغان يوچۇن بىر جايغا كېلىپ قالغاندەك ھېس قىلدۇق.
دامىكۇ يېزىسى گۈلتېرىغان كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى توختىروزى بارات ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەنتىمىزدە 653 ئائىلە، 2300 نوپۇس بار. بۇنىڭ ئىچىدە تۆۋەن كاپالەتلىك ئائىلە 27، نامرات ئائىلە 207 بولۇپ، نامراتلار كەنت ئومۇمىي ئاھالىسىنىڭ %30ىنى ئىگىلەيدۇ. كەنتنىڭ ئومۇمىي تېرىلغۇ يېرى 5300 مو بولۇپ، بۇنىڭ 2600 موسىدا ياڭاق، 2400 موسىدا چىلان بار. كەنتتىكى دېھقانلارنىڭ يىللىق ساپ كىرىمىنىڭ تەخمىنەن %40ى باغۋەنچىلىكتىن كىرىدۇ. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى باشلىغاندىن كېيىن، بىز بىر تەرەپتىن دېھقانلارنى باغلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىپ، ھوسۇلنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلىسەك، يەنە بىر تەرەپتىن، دېھقانلارنى ھويلا - ئاران، ئىشىك ئالدى، ئۆستەڭ بويى ۋە يول ياقىلىرىدىكى تاشلاندۇق يەرلەرنى قايتا ئۆزگەرتىپ، بۇ جايلارغا ئۈزۈم بارىڭى ياساشقا تەشكىللىدۇق. يېڭى تىكىلگەن ئۈزۈم تېلى ئۈچ يىلدا مېۋىگە كىرىدىغان بولغاچقا، بىز دېھقانلارغا كاۋا ۋە قاپاق ئۇرۇقلىرىنى ھەقسىز تەمىنلەپ، ئۈزۈم تېلى مېۋىگە كىرگىچە ئۈزۈم تېلى ئارىسىغا كاۋا ۋە قاپاق تېرىتتۇق. بۇنداق بولغاندا دېھقانلار باراڭنى ياسىغان يىلىدىن تارتىپلا كاۋا بىلەن قاپاقتىن كىرىم قىلالايدۇ. كەنت بويىچە ھازىرغىچە مۇشۇ خىل ئۇسۇلدا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن تاشلاندۇق يەر 200 مودىن، ياسالغان ئۈزۈم بارىڭىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 6000 مېتىردىن ئاشتى. دېھقانلار ھويلا، ئىشىك ئالدىغا ياسىغان باراڭلاردىن ئۆزلىرى پايدىلىنىدۇ، ئۆستەڭ بويى، يول بويلىرىغا ياسالغان باراڭلارنى ئائىلىسىدە سىرتقا چىقىپ ئىشلىگۈدەك ئەمگەك كۈچى يوق، تۇرمۇشى ناچار ئائىلىلەرگە بۆلۈپ بەردۇق، بۇنداق بولغاندا ئۇلارنىڭ يەنە بىر كىرىم يولى كۆپەيگەن بولىدۇ. بىز مۇشۇ ئارقىلىق بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا دېھقانلارنىڭ باغۋەنچىلىكتىن قىلغان كىرىمىنى ئومۇمىي كىرىمىنىڭ %45ىگە يەتكۈزىمىز.
دامىكۇ يېزىسىنىڭ يېڭىئۆستەڭ كەنتىدىكى دېھقان ئابلىكىم مەتنۇرى مۇنداق دېدى: ئائىلەمدە بەش جان بار، ئۈچ يىل ئىلگىرى ئەر - خوتۇن ئىككىمىز ئاقسۇغا بېرىپ ئىشلىگەن چاغدا ئۇ يەردىكىلەردىن ئۈزۈم پەرۋىش قىلىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ كەلگەنىدىم، شۇ چاغدا «قىزىل يەر شارى» دېگەن سورتنى ئالغاچ كېلىپ، 2.2 مو يەرگە تىككەنىدىم. بۇلتۇر بۇ ئۈزۈملەر مېۋىگە كىرىپ، 8000 يۈەن كىرىم قىلدىم، ئۇنىڭدىن باشقا، 1.5 مو يەردە ياڭاق، ئۈچ مو يەردە بۇغداي بار. ئۆتكەن يىللىق ساپ كىرىمىم 22 مىڭ يۈەن بولدى، بۇ يىل ئىشلىرىم كۆڭۈلدىكىدەك بولسا، يىللىق ساپ كىرىمىمنىڭ 50 مىڭ يۈەنگە يېتىشىدە گەپ يوق! ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ ۋە قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن پەخىرلىنىش ئالامەتلىرى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
چىرا ناھىيەسى گۇلاخما بازىرىنىڭ باشلىقى مەردان ئىمىن لايقا كەنتىدە بىز بىلەن مەھەللە ئارىلىغاچ، گۇلاخما بازىرىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ھازىر ئۈچ يىلدا بازاردىكى ئومۇمىي ئاھالىنىڭ %45ىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئېغىر ۋەزىپىنى ئۈستىمىزگە ئالدۇق. ۋەزىپە ھەم نىشان ئېنىق ھەم قاتتىق، قىيىنچىلىق ئېغىر، شۇڭا خىزمەتلەرنى ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن نەچچە ھەسسە كۈچەپ ئىشلەشكە، كۆپرەك چارە - ئامال ئىزدەشكە توغرا كېلىۋاتىدۇ.
مەردان ئىمىننىڭ ئېيتىشىچە، گۇلاخما بازىرىدا 19 كەنت بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى نامرات كەنت 12، ئومۇمىي نامرات ئائىلە 2698 ئىكەن. نامرات ئائىلىلەر بازاردىكى ئومۇمىي ئائىلىنىڭ %45 ىنى ئىگىلەيدىكەن. بازارلىق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش خىزمىتىدە بىر تەرەپتىن، ئەمگەك ئىقتىدارى بارلارنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەپ پۇل تېپىشقا يېتەكلىسە، يەنە بىر تەرەپتىن، باغلاردىكى مېۋىسىز دەرەخلەرنىڭ ئورنىغا مېۋىلىك كۆچەت تىكىش، باغلارنى ئىلمىي پەرۋىش قىلىش، مېۋە سورتلىرىنى ياخشىلاش بىلەن بىللە، ھويلا - ئاران، يول ۋە ئۆستەڭ بويلىرىدىكى تاشلاندۇق يەرلەرگە ئۈزۈم بارىڭى ياساشقا يېتەكلەپتۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، يەنە بىر تۈركۈم دېھقانلار قىزىلگۈل، ئەتىرگۈل، پىننە ۋە پىچەكگۈل تېرىپ كىرىمىنى كۆپەيتىشتەك ئوبدان يولغا كىرىۋاپتۇ.
بىز لايقا كەنتىدىكى دېھقان ئابدۇخېلىل ئابدۇللانىڭ ئۆيىگە كىرسەك، ئۇ ھويلىسىدىكى باراڭنى ئوڭشاش بىلەن ئالدىراش ئىكەن. ئۇنىڭ ئائىلىسىدە تۆت جان بولۇپ، بۇلتۇر بەش مو يېرىگە بۇغداي بىلەن قوناق تېرىپ ھەم بوش ۋاقىتلىرىدا ئۈچ چاقلىق توكسىكلىتتا كىراكەشلىك قىلىپ 10 مىڭ يۈن كىرىم قىپتۇ.−− يېشىم 60 تىن ئېشىپ كەتكەچكە سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئىمكانىيىتىم يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە سالامەتلىكىممۇ تازا ياخشى ئەمەس، بۇ يىل كەنت بويىچە ھەممە ئادەم ھەرىكەتكە كېلىپ، كىرىمنى كۆپەيتىشنىڭ غېمىگە چۈشۈپ كەتتى. مەن نېمە ئىش قىلسام بولار دەپ بېشىم تازا قېتىپ تۇرغاندا، كەنت كادىرلىرى ئۆيۈمگە يوقلاپ كېلىپ، ئۆيۈمنىڭ ئالدىدىكى ئۇزاقتىن بېرى بىكار تۇرۇپ ئەخلەتخانىغا ئايلىنىپ كەتكەن بىر پارچە يەرنى ئېچىپ پايدىلىنىشىمنى ئېيتتى. مەن يەرنى تۈزلەپ، يېرىمىغا ياڭاق كۆچىتى تىكتىم، يېرىمىغا قوتان، كاتەك سېلىپ كالا، قوي، توخۇ، كەپتەر باقايمىكىن دەۋاتىمەن. ھازىر نېمىلا ئىش قىلىمىز دېسەك، ھۆكۈمەت دېھقانغا مەبلەغنى ئايانماي بېرىۋاتىدۇ، ماڭىمۇ ئىككى تۈردە ياردەم مەبلىغى بېرىدىغان بولۇۋاتىدۇ، مۇشۇنداق ئەھۋالدا يەنە «ئۈجمە پىش، ئاغزىمغا چۈش» دەپ قاراپ ئولتۇرساق ئۇيات بولىدۇ - دە! شۇڭا بۇ يىل قانداقلا بولمىسۇن تىرىشىپ ئائىلە كىرىمىمنى 40 مىڭ يۈەنگە يەتكۈزىمەن.
ئۇنىڭ ساددا سۆزلىرىدىن ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جەھەتتىكى سىياسەت ۋە ئەمەلىي ھەرىكەتلىرىدىن بەكلا رازى ئىكەنلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تۇراتتى.
−− پىلان سەل چوڭمۇ قانداق؟ ئۆتكەن يىللىق كىرىم 10 مىڭ يۈەن ئىكەن، بۇ يىل بىراقلا 40 مىڭ يۈەنگە چىقىرىمەن دېسىڭىز زورۇقۇپ قالمامسىز؟
−− سىرتقا چىقىپ ئىشلەشكە يارىمايمەن، بىراق، كىچىكىمدىن تارتىپ توخۇ، كەپتەر، غاز، ئۆردەك بېقىشقا پەيزىم بار ئاينا، كېيىنكى ھەپتە بازارغا كىرىپ ياندا بار دەسمايىگە توخۇ، كەپتەر سېتىۋېلىپ ئىشنى باشلايمەن. ھۆكۈمەت تۈر مەبلىغى بەرسە قوي ئېلىپ قوتانغا سولايمەن، ئۇنىڭدىن باشقا، ئېتىزنىڭ كىرىمىمۇ بۇ يىل ياخشى بولىدىغاندەك قىلىدۇ، −− دېدى ئابدۇخېلىل ئابدۇللا. لايقا كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتجان مەتتۇرسۇن ئارىغا گەپ قىستۇرۇپ مۇنداق دېدى:
−− كەنتىمىزدىكى 248 ئائىلە ئىچىدە ئابدۇخېلىل ئاكىغا ئوخشاش ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ يىللىق كىشى بېشى ساپ كىرىمى 2800 يۈەنگە يەتمەيدىغان نامرات ئائىلىدىن 80 ى بار، بۇ يىل كەنتىمىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلىدىغان يەتتە كەنت قاتارىغا كىردى، بىز بۇ ۋەزىپىنى ئوڭۇشلۇق تاماملاش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن تاشلاندۇق يەرلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، باغ ۋە باراڭ بەرپا قىلىشنى چىڭ تۇتتۇق. ھازىرغىچە 600 مو تاشلاندۇق يەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۈزۈم، ياڭاق ۋە چىلان كۆچىتى تىكتۇق. كەنتنى كېسىپ ئۆتىدىغان غول ئۆستەڭنىڭ بويىغا 1300 مېتىر ئۇزۇنلۇقتا باراڭ ياساپ، نامرات دېھقانلارغا ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن بۆلۈپ بەردۇق. دېھقانلار ئۈزۈم مېۋىگە كىرگۈچە ئارىسىغا كاۋا تېرىپ، بۇ يىلدىن باشلاپ باراڭنىڭ پايدىسىنى كۆرۈشكە باشلايدۇ.
دېمەك، تاشلاندۇق يەرلەرنى ئېچىپ، نامرات دېھقانلارغا باراڭ قىلىپ بېرىش ئارقىلىق كىرىم يوللىرىنى كېڭەيتىش چىرا يېزىلىرىدىكى نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنىڭ يەنە بىر ئۆزگىچە تەدبىرى ئىكەن.
چىرا ناھىيەسىنىڭ ھاكىمى شاۋكەت ياسىن مۇنداق دېدى: ھازىر ناھىيەمىزدە 78 نامرات كەنت، 13 مىڭ 555 نامرات ئائىلە، 38 مىڭ 541 نامرات نوپۇس بار. بىز مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىگە قويغان تەلىپىگە ئاساسەن، ناھىيەمىزنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، 2020 - يىلىغا بارغاندا نامرات ئاھالە ۋە نامرات كەنتلەرنى پۈتۈنلەي تۈگىتىپ، ناھىيەمىزنىڭ نامراتلىق قالپىقىنى چۆرۈپ تاشلاشتىن ئىبارەت خىزمەت نىشانىمىزنى ئېنىق بېكىتتۇق. نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشتە كىمنى يۆلەش، كىم يۆلەش، قانداق يۆلەش ۋە قانداق ئاخىرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت تۆت مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈردۇق. نامراتلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالى خەرىتىسى، نامراتلىق سەۋەبى خەرىتىسى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش تەدبىر خەرىتىسىدىن ئىبارەت «ئۈچ خەرىتە»نى ئىلمىي ھەم ئىنچىكە تۈزۈپ چىقتۇق. يۆلەيدىغان كادىر ئەمەلىيلىشىش، يۆلەش تەدبىرى ئەمەلىيلىشىش ۋە مەبلەغ ئەمەلىيلىشىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»كە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق. بۇ يىل ناھىيە مالىيەسىدىن 11 مىليون 500 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، دېھقانلارنىڭ چارۋامال باقمىچىلىقى، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، ھويلا - ئاران ئىگىلىكى ۋە يول، ئۆستەڭ بويلىرىغا باراڭ ياساش قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلەتتۇق. ھازىرغىچە، مەركەز، ئاپتونوم رايون ۋە ناھىيەدىن نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشكە سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 40 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتتى. بۇ مەبلەغ ناھىيەمىز بۇ يىل نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرماقچى بولغان 16 نۇقتىلىق كەنت، 2807 ئائىلىدىكى 8751 كىشىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىنى مەبلەغ كاپالىتىگە ئىگە قىلىدۇ. بىز يەنە ئاپتونوم رايون ۋە ۋىلايەتتىن ناھىيەمىزگە «ئۈچ ئەل» خىزمىتىگە چۈشكەن كادىرلار ھەمدە ناھىيەمىزدىكى ھەر مىللەت ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى سەپەرۋەر قىلىپ، 3437 نامرات ئائىلىنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن كادىرنى بەلگىلىدۇق. بۇ كادىرلار ئۈچ يىلدا بۇ ئائىلىلەرنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا يار - يۆلەكتە بولىدۇ. بىز تەبىئىي شارائىتىمىز قانچە جاپالىق، ۋەزىپە قانچە مۈشكۈل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش خىزمىتىدە باھانە - سەۋەب كۆرسەتمەي، كۈتۈپ تۇرماي، ئۆز جايىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، بۇ خىزمەتتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىمىز.
بىز باش باھاردا ھويلا - ئاران، ئېتىز قىرلاردا ئەمگەك ناخشىلىرىنى ياڭرىتىۋاتقان چىرا دېھقانلىرىنىڭ چېھرىدە جىلۋە قىلىۋاتقان شاتلىق كۈلكىلىرىدىن بۇ خىسلەتكە ھەم تىلسىماتقا تولغان زېمىندا بالقىغان يېڭى بىر ئۈمىد قۇياشىنى كۆرگەندەك بولدۇق.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر