- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت مەركىزى 2016 نىڭبو پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نىڭبودا ئۆتكۈزۈلىدۇ
2016.04.12 15:02 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
15-ئاپرېل شەرقىي ئاسىيا مەدەنىيەت مەركىزى 2016 نىڭبو پائالىيىتىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى نىڭبودا ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇ چاغدا ياپونىيەنىڭ نارا، كورىيەنىڭ جىجۇ قاتارلىق 8 شەرقىي ئاسىيادىكى مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ ۋەكىللىرى نىڭبوغا جەم بولۇپ، غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى تۈرلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، شەرقىي ئاسىيا غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىسرالىرى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ پائالىيەتتە ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش پەسلى نۇقتا قىلىنىپ، ئاساسىي تېمىلىق پائالىيەت، يادرولۇق پائالىيەت، ئەتراپ پائالىيىتى بىرلەشتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت، مائارىپ، تەنتەربىيە،ساياھەت، ئىقتىساد سودا قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىدۇ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەرقايسى ناھىيە شەھەرلەر، رايونلارنىڭ ھەرقايسى قاتلاملىرىدىكى پائالىيەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، جەمئىي 100 نەچچە تۈر تەسىس قىلىنىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر