خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئاپرېل ئايلىرىنىڭ باشلىرىدا، پامىر ئېگىزلىكىنىڭ ئىچكىرىسىگە توغرا كېلىدىغان تاشقۇرغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى داتۇڭ يېزىسىدا ھۈپپىدە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى شاخلاردا ناز بىلەن جىلۋە قىلىپ، كۆزنى قاماشتۇراتتى. كۆك ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ تۇرغان ئاق چوققىلىق تاغ باغرىدىكى چېچەككە تويۇنغان رەڭلىك تەبىئەت تار ئېقىن سۇدا ئەكىس ئېتىپ، كىشىدە چۈش كۆرگەندەك تۇيغۇ پەيدا قىلاتتى.
داتۇڭ يېزىسى پامىر ئېگىزلىكىدىكى ھەيۋەتلىك تاغ تىزمىسىنىڭ ئىچكىرىسدە بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى تەخمىنەن 2800 مېتىر كېلىدۇ. «رېئال دۇنيادىكى جەننەت» دەپ ئاتالغان بۇ خىلۋەت ماكاننىڭ تاشقورغان ناھىيە بازىرى بىلەن بولغان ئارلىقى تەخمىنەن 180 كىلومېتىر كېلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى