باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئافغانىستاندا 7.1 بال يەر تەۋرەپ، خوتەنگە تەسىر كۆرسەتتى

2016.04.11 16:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگو يەر تەۋرەش ئىستانسىسى تورىنىڭ رەسمىي ئۆلچەپ بېكىتىشىچە: 10-ئاپرېل سائەت 18 دىن 28 مىنۇت ئۆتكەندە، ئافغانىستاندا 7.1 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 200 كىلومېتىر بولغان بولۇپ، خوتەن شەھىرىدە تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن. ھازىرچە تېخى ئۆلۈم-يېتىم ۋە مال مۈلۈكنىڭ زىيانغا ئۇچرىشى توغرىسىدا دوكلات يوق.

  ئىگىلىنىشچە، يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى دەرھال ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جىددىي ئىشلار ئىشخانىسى ۋە يەر تەۋرەشنى كۆزىتىش ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلار بەرگەن يەر تەۋرەشكە ئالاقىدار ئەھۋالنى ئىگىلەپ، « گىئولوگىيەلىك ئاپەتتىن جىددىي قۇتقۇزۇش-ياردەم بېرىش لايىھەسى»نى يولغا قويغان. خوتەن شەھىرى شورباغ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى، گۇما ناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى، قاراقاشناھىيەلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتى دەرھال ئۇرۇش تەييارلىقى ھالىتىگە كىرىپ ھەم خەتەردىن قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ۋە سايمان-جابدۇقلارنى ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرگەن.

  شۇنىڭ بىلەن بىللە، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى خوتەن شەھىرى شورباغ ئوت ئۆچۈرۈش ئوتتۇرا ئەترىتىگە ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئەترىتى قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى ۋە قۇتقۇزۇش ئىتىنى ئېلىپ يىغىلىپ بۇيرۇق كۈتۈپ، ناۋادا يەر تەۋرەشتە ئادەملەرنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغان ياكى ئۆي ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، قاپسىلىپ قالغان خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئالسا، ئوت ئۆچۈرۈش ئوفىتسېر-ئەسكەرلىرى يەر تەۋرەش ئاپىتىگە ئۇچرىغان رايونلارغا تېز بېرىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشقا بۇيرۇق بەرگەن. ئىگىلىنىشىچە، ھىندىقۇش رايوندا 7.1 بال يەر تەۋرىگەندىن كېيىن، خوتەن ۋىلايەتلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئوت ئۆچۈرۈش تارماق ئەترىتى گازارما رايونىدا ئازراق تەۋرەش سېزىمى كۆرۈلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر