باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى ساۋ لۇشېڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلغانلىقتىن، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى

2016.04.11 16:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەستىقلىشى بىلەن، ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىرى ساۋ لۇشېڭنىڭ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش مەسىلىسىنى دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈردى.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق، ساۋ لۇشېڭ سىياسىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، باشقىلار بىلەن بىلەن تىل بىرىكتۈرۈۋېلىپ مۇداپىئە ئىتتىپاقى تۈزۈپ، تەشكىلنىڭ تەكشۈرۈشىگە قارشىلىق كۆرسىتىش مەسىلىسى؛ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئون ماددىلىق بەلگىلىمىسىنىڭ روھىغا خىلاپلىق قىلىپ، قائىدىگە خىلاپ ھالدا كارخانىنىڭ ھۆكۈمەت پۇلى بىلەن سېتىۋالغان پىكاپىنى ئىگىلىۋېلىش مەسىلىسى؛ تەشكىلىي ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى كېڭىشىش قائىدىسىنى بۇزۇپ، چوڭ ئىشلارنى ئۆز ئالدىغا قارار قىلىش، ئۆزىگە ئالاقىدار ئىشلارنى يوشۇرۇپ مەلۇم قىلماسلىق مەسىلىسى؛ كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش بەلگىلىمىسىگە خىلاپ قىلىپ، كادىرلارنى ئۆستۈرۈش-تەيىنلەش ئىشلىرىنى ئۆزى قارار قىلىپ، ئادەم ئىشلىتىشتە بىپەرۋالىق، سەۋەنلىك قىلىش تۈپەيلىدىن ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىش مەسىلىسى؛ ئىنتىزامغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، خىزمەت ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش قىلىش، ئىگىلىك باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلىرىدە باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، باشقىلارنىڭ سوۋغىسى ۋە مال-مۈلۈكنى قوبۇل قىلىش، دۆلەت مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش مەسىلىسى؛ خىزمەت ئىنتىزامىغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ سېتىۋېلىش، كېپىللىككە ۋە ئىجارە بېرىش قاتارلىق كەسىپلىرىگە ئارىلىشىپ، دۆلەت مۈلكىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزۈش مەسىلىسى ئاشكارىلانغان. بۇنىڭ ئىچىدە، ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەم باشقىلار بەرگەن مال-مۈلۈكنى ئېلىش، دۆلەت مۈلكىنى ئۆزىنىڭ قىلىۋېلىش قاتارلىق مەسىلىلەر جىنايەتكە چېتىلىدۇ .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر