خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (مەمتىمىن روزىمۇھەممەد خەۋىرى) مەتقۇربان ئىلى خوتەن چىرا ناھىيەسى چىرا بازىرى تۇزاقچى كەنتلىك دېھقان بولۇپ، بۇ يىل 84 ياشقا كىردى، ھازىرمۇ دېھقانچىلىق ئىشلىرىنى بىمالال قىلالايدۇ، تېنى ساغلام.
مەلۇم بىر يەكشەنبە كۈنى پۇتىغا ياغاچ پۇت (پاچاق) نى تېڭىۋېلىپ، ناھىيەمىزنىڭ دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرىنىڭ غول كوچىسىدا كىشىلەردىن پەرقلىق ئېگىز ھالەتتە كېتىۋاتقان بىر كىشىنى كۆردۈم. شۇنىڭ بىلەن مەن ئاپپاراتىمنى چىقىرىپ، ئۇنىڭ يولدا ياغاچ پۇت بىلەن مېڭىۋاتقان كۆرۈنۈشىدىن بىر نەچچە پارچە سۈرەت تارتىۋالدىم. كېيىن ئۇنىڭ ئىسمى ۋە ئۆيىنى سوراپ، ئۇنى ئۆيىگە ئىزدەپ بېرىپ زىيارەت قىلدىم.
ئۇنىڭ ماڭا ئەسلەپ بېرىشىچە، 1950-يىلى 1-ئايدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ 15-كورپۇسىدىكى جەڭچىلەر ناھىيەگە كەپتۇ. كېيىنكى يىلى جەڭچىلەر چىرا بازىرىدا چاغان مۇناسىۋىتى بىلەن پائالىيەت ئۆتكۈزۈپتۇ، پائالىيەت جەريانىدا 40 دەك جەڭچى پۇتلىرىغا ياغاچ پۇت (ياغاچ پاچاق) نى تېڭىۋېلىپ ماھارەت كۆرسىتىپتۇ. جەڭچىلەرنىڭ بۇ ماھارىتى شوخ، پائالىيەتچان، بولۇپمۇ مۇشۇنداق ئۆزگىچە ھەرىكەتلەرگە قىزىقىدىغان مەتقۇربان ئاخۇننى ئۆزىگە رام قىلىۋاپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ، بىر كۈنى مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندە جەڭچىلەرنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ ياغاچ پۇت بىلەن مېڭىش ماھارىتىنى ئۆگىنىش ئارزۇسىنىڭ بارلىقىنى ئېيتىپتۇ. جەڭچىلەر: داداڭ رۇخسەت قىلسا ئاندىن ئۆگىتىپ قويىمىز، دەپتۇ. مەتقۇربان ئاخۇن بۇ ئارزۇسىنى دادىسىغا دېگەندىن كېيىن، ئوغلىنىڭ مىجەزىنى بىلىدىغان ئاق كۆڭۈل دادا، ئۇنىڭ مەكتەپتىن قاچماسلىق، يارىلىنىشتىن ئېھتىيات قىلىش، ئۆيىگە ۋاقتىدا كېلىش شەرتى بىلەن ئوغلىنىڭ تەلىپىگە قوشۇلۇپتۇ.
دادىسىنىڭ رۇخسىتىنى ئالغان كېچىك مەتقۇربان (ھاللاز) ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندا جەڭچىلەرنىڭ قېشىغا بېرىپ، ياغاچ پۇت بىلەن مېڭىش ماھارىتىنى ناھايىتى تېزلا ئۆگىنىۋاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ئۇ، بۇ سىرداش «ھەمرىيى»دىن پەقەت ئايرىلماپتۇ. قولى ئىشتىن بوشىسىلا ياغاچ پۇتنى پاچىقىغا تېڭىپ ھويلىدا، كوچىلاردا ماڭىدىكەن. ئۇ ياغاچ پۇت بىلەن مېڭىۋاتقاندا يولدا پىيادە مېڭىۋاتقان ياش ۋە ئوتتۇرا ياش كىشىلەرمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلمەيدىكەن.
ئۇ، زىيارەت ئاخىرىدا: مەن بۇ (ھەمراھىم) بىلەن ماڭسام ناھايىتى خوش بولۇپ كېتىمەن، تېنىممۇ يايراپ كېتىدۇ، مەن بۇنىڭ بىلەن ساغلاملىققا ئېرىشىپ بۈگۈنگە كەلدىم، دېدى. مەن ئۇنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەپ زىيارىتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بىر نەچچە پارچە سۈرىتىنى كۆرۈڭ.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى