باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى ئاۋىياماتكىسى 9-ئايدا ۋەزىپە ئۆتۈشى مۇمكىن

پۈتۈش باھاسى 12 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يەتتى

2016.04.11 17:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالىي ئەمەلدارى ئامېرىكىنىڭ ئەڭ ئىلغار يادرو ئېنېرگىيەلىك «گېرالد فورد» ناملىق ئاۋىياماتكىسىنى ياساش خىزمىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى، بۇ يىل 9-ئايدا ۋەزىپە ئۆتۈشىدىن ئۈمىد بارلىقىنى ئېيتتى.

  ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى (CNN) نىڭ 7-ئاپرېل تەتقىقات ۋە سېتىۋېلىشقا مەسئۇل دېڭىز ئارمىيە ياردەمچى مىنىستىرى سېئان ستاركلىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 3-ئايغىچە، «فورد» ناملىق ئاۋىياماتكىنى ياساش خىزمىتىنىڭ %97 تاماملانغان، بۇ يىل 7-ئايدا سۇغا چۈشۈرۈلۈپ، 9-ئايدا ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىگە تاپشۇرۇپ بېرىشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.

  «فورد» ناملىق ئاۋىياماتكا 2009-يىلى ياسىلىشقا باشلىغان بولۇپ، پۈتۈش باھاسى 12 مىليارد 900 مىليون دوللارغا يېتىپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ھازىرغىچە ئەڭ قىممەت بولغان ئۇرۇش پاراخوتى ئىكەن. ئۇنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 340 مېتىر، سۇ سىقىپ چىقىرىش مىقتارى 100 مىڭ توننا، يۈرۈش سۈرئىتى 30 كنوتتىن ئاشىدىكەن، «سۇپىر سېرىق ھەرە» شەكىللىك ۋە ئەڭ يېڭى F-35 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى ۋە كۈزەتكۈچى ئايروپىلان، تىك ئۇچارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 75تىن ئارتۇق ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرەلەيدىكەن.

  «فورد» ناملىق ئاۋىياماتكىغا يېڭى تىپتىكى يادرو ئېنېرگىيە رېئاكتورى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، توك چىقىرىش ئىقتىدارى ئىلگىرىكى ئاۋىياماتكىنىڭ 2.5 ھەسسىسىگە توغرا كېلىدۇ، بۇ قورال توشۇش ۋە ئايروپىلان تەييارلاش سۈرئىتىنىڭ تېخىمۇ تېزلەشكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ ھەم بۇ ئاۋىياماتكىغا تۇنجى قېتىم ئېلېكتىر ماگنېتلىق ئېتىپ چىقىرىش سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن بولۇپ، لايىھەگە ئاساسلانغاندا، «فورد» ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى ئايروپىلانلارنىڭ كۈندىلىك ھەرىكەت نىسبىتى «نىمتىز» ناملىق ئاۋىياماتكىدىن %25 ئارتۇق بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر