باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا بۇلغىما چىقىرىشتىكى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان جايلاردا ھوقۇقنى ھەقلىق ئىشلىتىش يولغا قويۇلدى

2016.04.11 16:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا يېقىندا گۈڭگۈرت ئوكسىدى، ئازوت ئوكسىدى، خىمىيەلىك ئوكسىگېن ئېھتىياج مىقدارى ۋە ئاممىياكلىق ئازوت قاتارلىق تۆت تۈرلۈك بۇلغىما ماددا بىلەن بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش باشلاندى.

  بۇنىڭدىن كېيىن، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى سىناق نۇقتىسى قىلىنغان رايونلار ۋە ساھەلەردە يېڭىدىن قۇرۇلغان، ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان، كېڭەيتىپ قۇرۇلغان تۈرلەردە بۇلغىما چىقىرىشتا، بىردەك بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى سېتىۋېلىپ، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى ھەقلىق ئىشلىتىش ئارقىلىق ئاساسلىق بۇلغىما چىقىرىش ئومۇمىي مىقدار كۆرسەتكۈچىنى قولغا كەلتۈرىدۇ. بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقى بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشىش ئارقىلىق ئېتىراپ قىلىنىدۇ، بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى بىلەن بۇلغىما چىقىرىش ئىجازەتنامىسىنىڭ مۇددىتى بىردەك بولۇپ، پىرىنسىپ جەھەتتە ھەر بەش يىلدا بىر قېتىم بېكىتىلىدۇ. ئەگەر كارخانا بۇلغىما چىقىرىشنى مۇۋاپىق كونترول قىلالىسا، قالغان بۇلغىما چىقىرىش ھوقۇقىنى يەنە باشقا كارخانىلارغا سېتىپ بېرىپ، ئۆزىنىڭ تەننەرخىنى تۆۋەنلەتسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر