باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئىش باشلاندى

2016.04.11 15:57         مەنبە: شىنجاڭ كۇئېنلۇن تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم شىتات كومىتېتىدىن ئاقسۇ شەھىرىنىڭ ئىگەچى يېزىسى يۇلغۇنلۇق كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتە مەكتەپ بولمىغانلىقىتىن، كەنتتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەش-ئالتە كىلومېتر يول يۈرۈپ قوشنا كەنتتىكى مەكتەپتە ئوقۇيدىغانلىقى، شۇ سەۋەپلىك نۇرغۇن ئاۋارچىلىق بولغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئاكتىپ ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، 16 مىليون يۈەن مائارىپ تۈر مەبلىغى ھەل قىلدى. 26-مارت، يۇلغۇنلۇق كەنتىدە 26 مو كۆلەمدىكى كەنت قوش تىل باشلانغۇچ مەكتىپى ئىشقا كىرىشتى.

  ئىگەللىنىشچە، قوش تىل مەكتىپى پۈتسە، 18 سىنىپ قۇرۇلدىغان بۇلۇپ، 800 ئوقۇغۇچى ئوقۇيالايدىكەن، ئۇنىڭدىن باشقا تەنتەربىيە مەيدانى، ئاشخانا، پارقازان ئۆي قاتارلىق پائالىيەت زالى بار بولۇپ، مەكتەپ بۇ يىل كۈزدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلدىكەن. ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر