ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلبوستان مەمەت خەۋىرى، فوتوسى: يېقىندا، بىڭتۇەن ئىشتات كومىتېتى 1-دېۋىزىيە 7-تۈەنىنىڭ ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى نامات كەنتىگە چۈشكەن خىزمەت گۇرۇپپىسى كەنتتىكى ياشلارنىڭ تېخنىكا ئۆگىنىپ ئىگىلىك تىكلىشىگە «تونۇشتۇرغۇچى» بولدى.
ئاقسۇ شەھىرى قاراتال بازىرى نامات كەنتى ياڭاق، چىلان، نەشپۈتنى قاتارلىق مېۋىلىك باغنى ئاساسىي ئىقتىسادىي مەنبە قىلغان كەنت بولۇپ، باغ يەر كۆلىمى %80 نى ئىگىلەيدۇ. تېخنىكىلىق باشقۇرۇش ۋە ئەجىر قىلىش نەتىجىسىدە، بۇ يەردىكى مېۋىلىك باغنىڭ مەھسۇلات مىقدارى باشقا كەنتلەرگە قارىغاندا كۆرۈنەرلىك يۇقىرى بولسىمۇ، سېتىپ چىقىرىش يولى چەكلىك بولغانلىقتىن، يەنىلا ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى بولمىغان.كەنتتىكى زېرەك ياشلار خەۋەرلەردە باشقا جايلاردىكى دېھقانلارنىڭ ئىنتېرنىت تورىدىن پايدىلىنىپ، يەرلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىپ چىقىرىپ، ئىقتىسادىي كىرىم قىلىۋاتقانلىقى كۆرۈپ، بۇ ئويىنى كەنتتىكى خىزمەت گۇرۇپپىسىغا ئېيتىدۇ. خىزمەت گۇرۇپپىسىدىكى كادىرلار ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كىيىن، ناھايىتى تېزلا كەنتتىكى 107 ئىتتىپاق ئەزاسىنى 1-دىۋىزىيە 7-تۇەننىڭ ياشلار ئېلېكتىرونلۇق سودا مەركىزىگە ئۆگىنىشكە ئاپىرىپ، كەنتتىكى ياشلارنىڭ بۇ يەردە دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى توردا سېتىپ چىقىرىش ۋە كۆرۈلگەن مەسلىلەرنى قانداق بىر تەرەپ قىلىشىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.