باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقاتتى

نۇقتىلىق ئاپتوموبىل تىپىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش سالمىقى ئاشۇرۇلىدۇ

2016.04.11 16:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش تارقىتىپ، جايلاردىكى جامائەت خەۋپسىزلىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن پۈتۈن كۈچى بىلەن كېچە ۋە تۇمانلىق ناچار ھاۋا رايى شارائىتىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك يول قاتناش باشقۇرۇش خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىل تىپى، قانۇنغا خىلاپ نۇقتىلىق قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، تەرتىپكە سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يول قاتناش بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  ج خ مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىچە، يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىلنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىنكى ئاقىۋىتى بىر قەدەر ئېغىر بولىدىكەن. ئادەتتە چوڭ يۈك ئاپتوموبىلىغا قاچىلىنىدىغان يۈك مىقدارى كۆپ، ئېغىرلىق دەرىجىسى يۇقىرى، مۇقىملىقىنى ساقلاش قىيىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈش سېزىمى دائىرىسى سىرتىدىكى ئورۇن بىر قەدەر چوڭ. يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ئاپتوموبىل ھەيدىگەندە، شوپۇرلار دىققىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتوموبىل سۈرئىتى ۋە ئاپتوموبىل بىلەن بىخەتەرلىك ئارىلىق قالدۇرۇشى، ھەرقايسى يوللاردا قاتنايدىغان ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتىگە چەك قويۇلۇشى كېرەك ئىكەن.

  كىچىك تىپتىكى ئاپتوموبىلنى يۇقىرى سۈرئەتلىك يولدا ھەيدىگەندە، چوڭ يۈك ئاپتوموبىلى بىلەن بىخەتەرلىك ئارىلىق قالدۇرۇشى كېرەك، ئۇزۇن ۋاقىت تەڭ قاتارلىشىپ ياكى باشقا ئاپتوموبىل بىلەن بەك يېقىن ئارىلىقتا يۈرمەسلىك كېرەك. ئەتىياز ۋە ياز پەسىلدە ساياھەتچىلىك كۆپىيىدۇ، ئائىلە بويىچە سەپەرگە چىققاندا بىخەتەرلىك بەلبېغىنى تاقىۋېلىش كېرەك ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر