باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدىكى تۇنجى توك يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى پۈتتى

2016.04.11 16:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 11-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاپرېل، بېيجىڭ شەھىرىنىڭ قوشۇمچە مەركىزىدىكى توك يەتكۈزۈش سىمىنى يۆتكەش، ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى تاماملاندى ۋە پۈتۈپ مۇۋەپپەقىيەتلىك توك يەتكۈزۈلدى. بېيجىڭ شەھىرى قوشۇمچە مەركىزى ئېلېكتىر تورىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى شەھەر قوشۇمچە مەركىزى قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇشىغا پۇختا ئاساس سالىدۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلۇشتا 26-يانۋار رەسمىي ئىش باشلانغان بولۇپ، 53 تۆمۈر مۇنار ئورنىتىلغان، يېڭىدىن تارتىلغان ۋە يۆتكەلگەن 110 كىلوۋولتلۇق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى توك يەتكۈزۈش سىمى 20.5 كىلومېتىر كېلىدىكەن .

  «13- بەش يىللىق پىلان» مەزگىلىدە، شەھەر قوشۇمچە مەركىزى 500 كىلوۋولتلۇق بىر تىرانسفورموتور پونكىتى، سەككىز 220 كىلوۋولتلۇق بېسىم ئۆزگەرتىش پونكىتى، 27ى 110 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتور پونكىتىنى پىلانلاپ قۇرۇپ، ئاساسىي تورنىڭ توك بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرىدۇ. 2020 - يىلىغا بارغاندا، مەمۇرىي ئىش بېجىرىش رايونىدىكى ھەر بىر ئائىلىدە يىلدا توك توختاش ۋاقتى 30 سېكۇنتتىن تۆۋەن بولىدۇ، شەھەر قوشۇمچە مەركىزىدە يىلدا ھەر بىر ئائىلىدە توك توختاش ۋاقتى بەش مىنۇتتىن تۆۋەن بولۇپ، توك بىلەن تەمىنلەش سۈپىتى ۋە مۇلازىمەت ئىقتىدارى «خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان» ئىلغار سەۋىيەگە يەتكۈزۈلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر