باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى تۇنجى تۈركۈمدىكى يەتتە ئۆلكە، شەھەرنىڭ مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى تەرەققىياتى خاتىرىسىگە ئىمزا قويدى

2016.04.12 16:25         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مۇئاۋىن مىنىستىرى خاۋ پىڭ 11-ئاپرېل مۇنداق دېدى: مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيەسىنى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھ قىلىش ۋاقىت جەدۋىلى ۋە لايىھەسىنى بېكىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، مائارىپ مىنىستىرلىقى 2016-يىلى، مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيە ئىسلاھاتى تەرەققىياتى خاتىرىسىگە ئىمزا قويۇش خىزمىتىنى باشلاپ، بىرىنچى تۈركۈمدە يەتتە ئۆلكە، شەھەر (بېيجىڭ، شاڭخەي، جياڭسۇ، چۇڭچىڭ، گەنسۇ، فۇجيەن، شەندۇڭ) نىڭ خاتىرىسىگە بۇ يىل 5-ئايدا ئىمزا قويىدۇ.

  خاۋ پىڭ 11-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن 5-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سەنئەت كۆركى پائالىيىتىنى تەشكىللەش ھەيئىتى كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى يەنە 2-تۈركۈمدىكى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) نىڭ خاتىرىسىگە ئىمزا قويىدۇ، باشقا ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر)لەرمۇ تەلەپ بويىچە يولغا قويۇش پىكرىنى چىڭ تۇتۇپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

  ھەر دەرىجىلىك تۈرلۈك مەكتەپلەر ئېستېتىك تەربىيە جەريانىدا سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى مەكتەپلەرنىڭ ئېستېتىك تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل باسۇچى، پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەممە تەرەپلىرىگە سىڭدۈرۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشى ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشى كېرەك. جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىنىڭ مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، مىللەتلەرنىڭ چوڭقۇر ھېسسىياتىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، دەرسخانا، پائالىيەت ۋە مەكتەپ مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت ئۈچ گەۋدە بىرلەشكەن ئېستېتىك تەربىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەكتەپ، ئائىلە، جەمئىيەتتىن ئىبارەت كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئېستېتىك تەربىيەنى ماسلاشتۇرۇش يولىدا ئىزدىشى كېرەك. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر