باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 5 مىليون يۈەن بىلەن مۇكاپاتلايدۇ

2016.04.12 15:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى 11-ئاپرېل ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ مۇقىملىقنى قوغداش خىزمەت ئەمەلىيىتىگە ئاساسەن، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاش چارىسى» ( تۆۋەندە قىسقارتىلغاندا« چارە » دېيىلىدۇ)نى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتى يىپ ئۇچىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن بايقاپ، ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىشىغا ئىلھام بېرىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىدىن ئۈنۈملۈك مۇداپىئەلىنىپ ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقىنى قوغدايدىكەن. بۇ «چارە» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مەمۇرىي رايون ئىچىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىگە دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنى مۇكاپاتلاشقا تەتبىقلىنىدىكەن، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدىكەن.

  «چارە »دە بەلگىلىنىشىچە، تەشكىللىك، پىلانلىق ھالدا ئالدىن قەستلەش پىلانىنى يولغا قويۇپ ھۇجۇم قىلىش، تۇتقۇن قىلىش، يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش، زەھەر تاشلاش، پارتلىتىش، مۇھىم ئۇل ئەسلىھەلەرگە بۇزغۇنچىلىق قىلىش قاتارلىق زوراۋانلىق، تېررورلۇق جىنايىتىنى يولغا قويۇشقا چېتىلىدىغان ئەمەلىي، يوشۇرۇن، جىددىي، يادرولۇق قاتلامغا دائىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 200 مىڭ يۈەندىن 5 مىليون يۈەنگىچە مۇكاپات بېرىلىدىكەن.

  زوراۋانلىق، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ئىجتىمائىي مۇقىملىق، ئامانلىق ئەھۋالى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، دىنىي ساھە، جەمئىيەت ئەھۋالى ۋە خەلق رايى، جامائەت پىكرى ئەھۋالى، تور جامائەت پىكرى ئەھۋالى قاتارلىقلارغا چېتىلىدىغان بىخ ھالىتىدىكى، ئاگاھلاندۇرۇش خاراكتېرلىك يىپ ئۇچى ۋە بىنورمال ئەھۋال توغرىسىدىكى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرگە 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن مۇكاپات بېرىلىدىكەن

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر