باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى خېروشىمانى زىيارەت قىلىدۇ

ئاتوم بومبىسى پارتلاتقانلىق ئىشىدىن كەچۈرۈم سورىمايدۇ

2016.04.12 13:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەتتە دۆلەت گوروھى (7G ) دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى 10-ئاپرېل ياپونىيەنىڭ خېروشىما ئارىلىدا باشلانغان، ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى كېررى يىغىن ئارىلىقىدا خېروشىما تىنچلىق خاتىرە باغچىسىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشقا قاتنىشىدىكەن، بىراق ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە خېروشىما ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى ئاتقانلىقىدىن كەچۈرۈم سورىمايدىكەن.

  كېررى خېروشىمانى زىيارەت قىلغان ۋەزىپىدىكى تۇنجى ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بولۇپ قالىدىكەن. كېررىنىڭ بۇ زىيارىتىمۇ ئامېرىكا زوڭتوڭى ئوبامانىڭ بۇ يىل 5-ئايدا ياپونىيەگە بېرىپ يەتتە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشىنىڭ تەييارلىق زىيارىتى، دەپ قارالدى. كېررى زىيارەتكە كېلىشتىن بۇرۇن بەزى تاراتقۇلار كېررى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا خېروشىما ئارىلىغا ئاتوم بومبىسى ئاتقانلىقىدىن كەچۈرۈم سورايدۇ، دەپ قىياس قىلغان ئىدى.

  ياپونىيە ھازىرغىچە ئاتوم بومبىسى بىلەن بومباردىمان قىلىنغان بىردىنبىر دۆلەت. تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشىنى قوزغىغان ياپونىيەنىڭ تېزراق تەسلىم بولۇشى ئۈچۈن، ئامېرىكا ئارمىيەسى 1945-يىلى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ياپونىيەنىڭ خېروشىما ھاۋا بوشلۇقىدىن «ئوغۇلبالا» ناملىق ئاتوم بومبىسىنى تاشلىغان. ياپونىيە ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئىسىتاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئاتوم بومبىسى زەربىسى ئاز دېگەندە 140 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بومبا پارتلاش ۋە يادرو رادىئاتسىيەسىدە ئۆلۈپ كەتكەنلەر 240 مىڭدىن ئاشقان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر