باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

بۇ يىل يېزىلاردىكى ئالاھىدە ئورۇن ئوقۇتقۇچىسىدىن 70 مىڭى قوبۇل قىلىنىدۇ

2016.04.12 15:02         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مائارىپ مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى يېقىندا " 2016-يىللىق يېزىلارنىڭ مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەردىكى ئوقۇتقۇچىلار ئالاھىدە خىزمەت ئورنى پىلانىنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئوبدان ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش"نى تارقىتىپ، بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئالاھىدە ئورۇنلارغا 70 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى ئايدىڭلاشتۇردى. مەركەز مالىيەسى ئالاھىدە ئورۇندىكى ئوقۇتقۇچىلارغا مائاش خاراكتېرلىك تولۇقلىما بېرىدۇ. بۇ ئوقۇتقۇچىلار ئاساسلىقى يېزا كەنتلەردىكى مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىقىغا سەپلىنىپ، ئالدى بىلەن تۇتاشما ئالاھىدە نامرات رايونلار ۋە دۆلەت نامراتلارنى يۆلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدىكى نۇقتىلىق ناھىيەلەردىكى كەنت باشلانغۇچ مەكتەپلىرى، ئوقۇتۇش نۇقتىلىرىنى تولۇقلاش ئېھتىياجى ئالدى بىلەن قاندۇرۇلىدۇ، ناھىيە بازىرىدىكى مەكتەپلەرگە يېڭى ئالاھىدە ئورۇن ئوقۇتقۇچىلىرى تولۇقلاپ بېرىلمەيدۇ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ قۇرۇلمىسى يەنىمۇ سەرخىللاشتۇرۇلۇپ، تەنتەربىيە، مۇزىكا، گۈزەل-سەنئەت، چەتئەل تىلى، ئۇچۇر تېخنىكىسى قاتارلىق ئالاھىدە كەم ۋە ئاجىز پەنلەرنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى تولۇقلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر