باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى سەھىيە، دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق كەسپىي تېخنىكا خادىمىدىن 4322 نى ئاشكارا تەكلىپ قىلىدۇ

11-ئاپرېلدىن باشلاپ تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ

2016.04.12 14:33         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 11-ئاپرېل، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون 2016 ـ يىلى جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ۋىلايەت، ناھىيەلەردىكى داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتى ۋە دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش تارماقلىرىغا 4322 كەسپىي تېخنىكا خادىمىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىشنى قارار قىلغان. بۇنىڭ ئىچىدە سەھىيە تارماقلىرىغا4096 نەپەر، يېزا ئىگىلىك تارماقلىرىغا 162 نەپەر، چارۋىچىلىق تارماقلىرىغا 64 نەپەر خادىم تەكلىپ قىلىنىدىكەن.

  بۇ قېتىمقى تەكلىپ قىلىش ئوبيېكتى ئاساسلىقى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: شىنجاڭ نوپۇسىدىكى ئالىي مەكتەپ، تېخنىكوملارنى پۈتكۈزگەنلەر؛ شىنجاڭدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەن ئىچكىرى ئۆلكىلىك ئوقۇغۇچىلار؛ شىنجاڭدا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان غەربىي رايون پىلانى پىدائىيلىرى، «ئۈچكە ياردەم بېرىش، بىرنى يۆلەش» ئىستۇدېنتلىرى، ئىستۇدېنت كەنت كادىرلىرى؛ قىسمەن ئىش ئورنى پۈتۈن مەملىكەتتىن خادىم تەكلىپ قىلىشقا يۈزلەنگەن. ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېشى چوقۇم 18 ياشقا توشقان ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى، 35 ياشتىن تۆۋەن (يەنى 1980-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىدىن 1998-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنىگىچە مەزگىلىدە تۇغۇلغان) بولۇشى كېرەك. بىرقىسىم ئىش ئورنىغا ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ يېشىنى مۇۋاپىق تەڭشەشكە بولىدۇ.

  ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى بىيجىڭ ۋاقتى سائەت 10 دىن 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6 گىچە بولىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (www.xjrsks.com.cn) ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرسا بولىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرغان كۈنىلا ھەق تاپشۇرۇشقا بولىدۇ، ھەق تاپشۇرۇش ۋاقتى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى كەچ سائەت 6 گىچە بولىدۇ. ئىمتىھانغا تىزىملاتقۇچىلار پەقەت بىر خىزمەت ئورنىغا تىزىملىتالايدۇ، تىزىملاتقاندىكى ۋە ئىمتىھان بەرگەندىكى كىملىك بىردەك بولۇشى كېرەك. ئىمتىھان بەرگۈچىلەر شەخسىي ئارزۇسىغا ئاساسەن تەڭشەشكە بويسۇنۇش ياكى بويسۇنماسلىقنى تاللىسا بولىدۇ.

  ئىمتىھان تۈرلىرى «كەسپىي ئىقتىدارىنى سىناش» ۋە «ئالاقىدار كەسپىي سىناق» قاتارلىق ئىككى پەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يېزىقچە ئىمتىھان ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14 - كۈنى بولۇپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەر 6-ئاينىڭ 18 -كۈنىدىن باشلاپ، شىنجاڭ كادىرلار ئىشلىرى ئىمتىھان مەركىزى تور بېكىتى (www.xjrsks.com.cn) دىن يازما ئىمتىھان نەتىجىسىنى سۈرۈشتۈرسە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر