باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئونسۇ ناھىيەسىدە «مەن قانۇن بىلەن بىللە» تېمىسىدىكى 1000 مەيدان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى

2016.04.12 17:09         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئونسۇ ناھىيەلىك سۈپەت- تېخنىكا نازارەتچىلىكى ئىدارىسىدىن مۇنىرىدىن تۇنىياز، راھىلە مۇرتىزا خەۋىرى) 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، ئونسۇ ناھىيەسىدە «ئاساسىي قانۇن تەشۋىقات ئېيى» ۋە «مەن قانۇن بىلەن بىللە» تېمىسىدىكى 1000 مەيدان نۇتۇق سۆزلەش پائالىيىتى توخۇلا يېزىسى قۇرۇل كەنتىدە باشلاندى .

  بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ ۋاقتى بىر ئاي بولۇپ، پائالىيەت ئاساسلىقى «ئاساسىي قانۇن روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش»نى ئاساسىي تېما قىلغان، نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر «ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش»، «بىرگە قارشى تۇرۇش، ئىككىگە ئەھمىيەت بېرىش» تەشۋىقات شەكلى ئارقىلىق ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلارنى تەشۋىق قىلدى. پائالىيەت يەنە «قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان مۇنەۋۋەر كەنت ئاھالىسى»، «كەنت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر قانۇن مۇلازىمەتچىسى»نى تەقدىرلەپ، ھەر مىللەت كادىر ۋە ئاممىسىنىڭ قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇننى بىلىش ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈپ، «ھەممە ئادەم قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىدىغان، ھەممە كىشى سىياسەتنى بىلىدىغان، ھەممە ئادەم پارتىيەنى، ۋەتەننى سۆيىدىغان ۋە ھەممە ئادەم مۇقىملىقنى قوغدايدىغان» قويۇق كەيپىياتنى بەرپا قىلدى .

  پائالىيەت داۋامىدا، ئونسۇ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسى، گۈلئاۋات يېزىسى ۋە توخۇلا يېزىسىدىن كەلگەن نۇتۇق سۆزلىگۈچىلەر ئاساسىي تېمىنى زىچ چۆرىدەپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولغان قانۇن-نىزام ۋە سىياسەتلەرگە بىرلەشتۈرۈپ نۇتۇق سۆزلىدى ھەم يېڭى تەشۋىقات شەكلى، ئاممىباب، چۈشىنىشلىك بولغان قانۇن تىلى ئارقىلىق ئاممىغا قانۇن بىلىملىرىنى تېخىمۇ ياخشى چۈشەندۈردى، شۇنداقلا نەق مەيداندىكى ئاممىنىڭ قانۇن ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈردى .

  توخۇلا يېزىسى قورۇل كەنتى ئاھالىسى رەيھانگۈل مەتنىياز مۇنداق دېدى : «ئىلگىرى قانۇنغا بولغان تونۇشۇم چوڭقۇر ئەمەس ئىدى، بۈگۈن لېكسىيەنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ۋە تويلىشىش قانۇنى توغرىسىدىكى بىلىملەرنى ئۆگىنىۋالدىم، مەن بىر ئايال بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۆز ئەۋزەللىكىمنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بالىلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەيمەن».

  توخۇلا يېزىسى قورۇل كەنتى ئاھالىسى ئىلھام ياسىن مۇنداق دېدى : «قانۇن مۇتەخەسسىسلىرى بىزگە تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزاملانى سۆزلەپ بەردى، بۇنىڭدىن كېيىن مەن قانۇن بىلىملىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ، پەرزەنتلىرىمنى ياخشى تەربىيەلەپ، قانۇننى بىلىدىغان، قانۇنغا ئىشىنىدىغان ۋە قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان ياخشى پۇقرالاردىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىمەن».

  تۇرسۇن ياسىن توخۇلا يېزىسى تەكلىپ قىلغان قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇپ، كەنت ئاھالىلىرى قانۇن جەھەتتىكى مەسىلىگە دۇچ كەلگەن ھامان ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ. ئۇزاق ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ كەنت ئاھالىلىرىگە نۇرغۇنلىغان قانۇن جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ بەرگەنلىكى ئۈچۈن، ناھىيەلىك ئەدلىيە ئىدارىسى تەرىپىدىن «كەنت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر قانۇن مۇلازىمەتچىسى» بولۇپ باھالاندى. بۈگۈن ئۇ پائالىيەتتە نۇتۇق سۆزلەپ، جانلىق مىساللار ئارقىلىق ئاممىغا «ئاساسىي قانۇن» بىلىملىرىنى سىستېمىلىق چۈشەندۈردى .

  توخۇلا يېزىسىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى تۇرسۇن ياسىن مۇنداق دېدى : «بۇلتۇر ئۈچىنچى ئايدىن باشلاپ، ھەر ئايدا ھەر قايسى كەنتلەردە قانۇن تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى سىجىل قانات يايدۇردۇق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىنكاسى ئالاھىدە ياخشى بولدى، مەن كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، تېلېفونۇمنى 24 سائەت ئېچىپ قويىمەن، دېھقانلار قانداق مەسىلىگە يولۇقسا ئۇلارغا سەۋرچانلىق بىلەن چۈشەندۈرۈپ قويىمەن، بۇنىڭدىن كېيىن كەنتتە داۋاملىق ئاساسىي قانۇن بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، دېھقانلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايمەن».

  نەق مەيداندا يەنە ئون نەپەر «قانۇنغا رىئايە قىلىدىغان مۇنەۋۋەر كەنت ئاھالىسى» ۋە ئىككى نەپەر «كەنت دەرىجىلىك مۇنەۋۋەر قانۇن مۇلازىمەتچىسى» تەقدىرلەندى .

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر