- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
«مېھىر ئىشكاپى» ئۇچتۇرپاندا
2016.04.12 17:10 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئابدۇسالام نىياز خەۋەر قىلىدۇ) يېقىندا ئۇچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ قاتناش بېكىتى ئالدى ۋە خەلق مەيدانىغا قويۇلغان «ئېھتىياجىڭىز بولسا ئېلىڭ، ئېھتىياجىڭىز بولمىسا ئېسىڭ» دېگەن كۆركەم خەت بېسىلغان «مېھىر ئىشكاپى» ناھىيەدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ قىزىقىشى ۋە دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى.
بۇ ئىككى ئورۇندىكى «مېھىر ئىشكاپى»نى «بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپى ئۇچتۇرپان تارماق ئەترىتىدىكى پىدائىيلار ياساتقان بولۇپ، ھەر قانداق كىشى ئۆزىدىن ئېشىنغان كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، كىتاب-ژۇرنال، بالىلار ئويۇنچۇقلىرى ھەتتا ئائىلە ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىگىچە بۇ ئىشكاپقا قويۇپ قويسا، بۇلارغا ئېھتىياجى بار كىشىلەر ئېلىپ كەتسە بولىدىكەن .
«مېھىر ئىشكاپى» پائالىيىتى جەمئىيەتتىكى قىيىنچىلىقى بار ھەر مىللەت كىشىلىرىنىڭ تۈرلۈك ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ قويۇلغان، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان يەنە بىر مېھرىبانلىق يەتكۈزۈش پائالىيىتى بولۇپ، «مېھىر ئىشكاپى» قويۇلغان بىر ھەپتىدىن بويان خېلى كۆپ ساندىكى ئاجىز كىشىلەر توپىغا ياخشى نىيەتلىك كىشىلەرنىڭ ئىللىقلىقى يەتكۈزۈلۈپ، ھەر ساھەنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتتە ئاكتىپ ياىشى تەسىر قوزغىدى.
«بىلىپ» ئۈمىد ئىللىقلىق يەتكۈزۈش كوللېكتىپى مەسئۇلىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇيەرگە قويۇلغان نەرسىلەرنىڭ يېڭى بويۇم بولۇشى تەشەببۇس قىلىنمايدىكەن، پەقەت ئۆز ئېھتىياجىدىن ئاشقان ھەر قانداق نەرسە بولسا، پەقەت ئىشلىتىش قىممىتى بولسىلا بولىۋېرىدىكەن. «مېھىر ئىشكاپى»غا قويۇلغان كىيىم-كېچەكلەر پاكىز يۇيۇلۇپ، دەزمال سېلىنغان بولۇشى كېرەك ئىكەن.
تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر