باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ خەلققە قولايلىق يارىتىش « + e باج ئىشلىرى » ئاممىغا باھار شامىلى ئېلىپ كەلدى

2016.04.12 17:08         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىن تۇرغۇن سېيىت خەۋىرى) (e + باج ئىشلىرى) مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسىنىڭ كەڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى ئۈزلۈكسىز يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ « e + باج ئىشلىرى » ئارقىلىق خەلقنىڭ باج ئىشلىرىنى بېجىرىشىگە قولايلىق يارتىپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدى.

  بىرىنچىدىن « e باجنى سكاننېرلاش»نى يولغا قويۇپ، ئىككى ئۆلچەملىك كود e دەۋرىگە كىردى. 64 تۈرلۈك دائىم كۆرۈلىدىغان كەسىپنى ئىككى ئۆلچەملىك كود تەسۋىر سېيرىشنى قوللىنىشقا ئېلىپ كىردى. باج تاپشۇرغۇچى پەقەت ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سكاننېرلىسىلا، كەسىپ بېجىرىشكە كېرەكلىك ماتېرىياللار، ئالاقىدار سىياسەت ۋە كېيىنكى دىققەت قىلىدىغان ئىشلارنى تېپىپ چىقالايدۇ.

  ئىككىنچىدىن، « eغوجىدار» توردا ئالدىن تەكشۈرۈش سۇپىسىنى ياراتتى. ئىنتېرنېت تورى ئارقىلىق باج تاپشۇرغۇچىنىڭ كەسىپ بېجىردىغان ماتېرىياللىرىنى ئالدىن تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈش ئاياغلاشقاندىن كېيىن باج تاپشۇرغۇچىلار بىلەن ئالدىن كېلىشىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ «ھەر تەرەپكە قاتىراش، كۆپ قېتىم قاتىراش» ئەھۋاللىرىنى ئازايتىپ، باج بېجىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

  ئۈچىنچىدىن، « eباج تاپشۇرغۇچى مېھمان » تورىدا ئۆزئارا پاراڭلىشىش ئۆيىنى ئېچىۋەتتى. يىراق مۇساپىلىك باج خادىمى بىلەن باج تاپشۇرغۇچى يولۇققان مەسىلىلەر ئۈستىدە ھەر ۋاقىت پاراڭلىشىپ، ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشنى قانات يايدۇرۇپ، فونېتىك، كۆرۈنمە چاستوتا، يىراقتىن كونتىرول قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق، باج تاپشۇرغۇچىلار ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا، باجغا ئالاقىدار ئىشلارنى ھەل قىلالايدۇ.

  تۆتىنچىدىن، «e مەكتىپى» باج تاپشۇرغۇچىلار تور مەكتىپىنى قۇردى. تور بېكەت، ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى قاتارلىق ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئەڭ يېڭى باج سىياسىتى، قانۇن-نىزام، باج تاپشۇرغۇچىلار باج بېجىرگەندە دائىم كۆرۈلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ يەشمىسى قاتارلىق مەزمۇنلارنى باج تاپشۇرغۇچىلارغا تەشۋىق قىلىپ، باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باج خىزمىتىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈردى.

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر