باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى ئېغىزلار بويىچە نامراتلارنى يۆلەش كەنتىدىكى نامراتلارنى تۈجۈپىلەپ يۆلىدى

2016.04.12 17:10         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسىدىن تۇرغۇن سېيىت خەۋىرى) ئاۋات ناھىيەلىك دۆلەت باج ئىدارىسى يېقىندا، ئىدارە پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى ئىدارىدىكى كادىرلارنى يېتەكلەپ، نامراتلارنى يۆلەش كەنتىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، نامراتلارغا ياردەم بېرىش – يۆلەش نۇقتىسى بولغان تامتوغراق يېزىسى لاپا كەنتىگە بېرىپ، كەنتتىكى 12 نامرات كەنت ئاھالىسىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ 2015 ـ يىللىق كىرىمى كېمىيىش ئەھۋالىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارغا تۆت توننا ئەلا سۈپەتلىك خىمىيەۋى ئوغۇت ئاپىرىپ بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئەتىيازلىق تېرىلغۇدىكى قىيىن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بەردى.

  كەنت ئاھالىسى ئېزىز توختى مۇنداق دىدى: «بۇلتۇر بىزدە جىق پۇل بولمىغاچقا، ياخشى ئوغۇت ئالالمىدۇق، گەرچە بىر يىل جاپالىق تېرىقچىلىق قىلغان بولساقمۇ، يىل ئاخىرىدا كىرىم يەنىلا ياخشى بولمىدى. بۇ يىل دۆلەت باج ئىدارىسى بۇنداق ياخشى خىمىيەۋى ئوغۇتنى ئەكىلىپ بەردى، چوقۇم ياخشى ھوسۇل ئالالىشىمىزغا ئىشىنىمەن، دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ بىزگە قىلغان ياردىمىگە كۆپ رەھمەت»

  تەكشۈرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر