باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2016 ـ يىللىق «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگراممىسى ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونىدىكى تاللاش مۇسابىقىسى باشلاندى

2016.04.12 14:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8 -ئاپرېل، ئۈرۈمچى بانكىسى ئالاھىدە ياردەم بەرگەن 2016 ـ يىللىق «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگراممىسىنىڭ 5-قېتىملىق مەملىكەت بويىچە ھەر قايسى شەھەرلەردىن تاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئۈرۈمچى رايونىدىن تاللاش مۇسابىقىسى رەسمىي باشلاندى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» 5 - قىتىملىق مۇسابىقىسىدە تۇنجى قېتىم مەملىكەت بويىچە تاللاش ئېلىپ بېرىلىدىغان بولۇپ، بىۋاسىتە تاللاش، تەكرار مۇسابىقە قىلىش، ئومۇمىي باھالاش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» مەملىكەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ناخشىچىلار تاللاپ چىقىلىدىكەن.

  بۇ قېتىم ئۈرۈمچى بانكىسى ئالاھىدە ياردەم بەرگەن 2016 ـ يىللىق «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» مەملىكەت بويىچە شەھەرلەردىن تاللاش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى مۇسابىقە رايونىدىكى تاللاش مۇسابىقىسىغا تىزىملىتىش باشلانغاندىن بۇيان، قىسقىغىنە بىر ھەپتە ئىچىدە تىزىملاتقانلار 242گە يەتكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئادەم سانى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئېشىپ بارغان.

  ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى لى پېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «جۇڭگو خۇش ئاۋازى» پىروگراممىسىدىكىلەرنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ مۇنەۋۋەر مۇزىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنى قېزىپ چىقىشى ئۈرۈمچى بانكىسىنىڭ تىرىشىپ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغىدىكى ھازىرقى زامان داڭلىق پۇل مۇئامىلە كارخانىسى بولۇشىدىكى چىقىش نۇقتىسى بىلەن بىردەك، يەنى پۈتۈن كۈچى بىلەن شىنجاڭنىڭ ئۆز ماركىسىنى بەرپا قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. بىز تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مۇزىكا ئىختىساس ئىگىلىرىنىڭ بايقىلىشىنى، دەۋرنىڭ «خۇش ئاۋازى» نى ياڭرىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر