باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرى ناچار ھاۋا شارائىتىدا يول قاتنىشى بىخەتەرلىكىگە دىققەت قىلىشنى ئەسكەرتتى

2016.04.12 14:59         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇخبىرنىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئۇقۇشىچە، جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، جايلاردىكى قاتناش باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن كېچە ۋە يامغۇر يېغىش قاتارلىق ناچار ھاۋا شارائىتىدا يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنىڭ قاتنىشىنى باشقۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئوبدان تۇتۇپ، نۇقتىلىق ئاپتوموبىللار، نۇقتىلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، رەتكە سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پەۋقۇلئاددە زور قاتناش ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىپ، يول قاتنىشىنىڭ بىخەتەر، راۋان بولۇشىغا پۈتۈن كۈچى بىلەن كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

  جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى قاتناش باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا ئاپتوموبىللارنىڭ سۈرئىتى بىر قەدەر تېز، ۋەقە يۈز بەرگەن ھامان ئاقىۋىتى بىر قەدەر ئېغىر بولىدۇ، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللاردا قاتنايدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ شوپۇرلىرى دىققىتى مەركەزلەشتۈرۈپ، بىخەتەر ماشىنا سۈرئىتى ۋە ئارىلىقىنى ساقلىشى كېرەك، ئوخشاش بولمىغان ئاپتوموبىللار سۈرئەت چەكلىمىسى بويىچە ئۆز يولىدا مېڭىشى كېرەك. ئەتىيازدا ماشىنا ھەيدەپ ساياھەت قىلىدىغانلار كۆپىيىدۇ، سەپەرگە چىققاندا بىخەتەرلىك تاسمىسىنى تاقاپ، قاتناش ۋەقەلىرى سەۋەبلىك يارىلىنىشنى يىنىكلىتىشى ۋە بۇنىڭدىن ساقلىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر