باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

داۋالاش ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ئەترىتى چېگرا رايونلارغا يۈزلەندى

2016.04.12 15:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئازادلىق ئارمىيە 309-دوختۇرخانىسىنىڭ 15 مۇتەخەسسىسىدىن تەركىب تاپقان شىنجاڭغا داۋالاش ئارقىلىق ياردەم بېرىش ئەترىتى شىنجاڭ ئىلى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىگە كېلىپ، ئاممىنىڭ كۆز كېسەللىكلىرىنى خالىس كۆردى.

  بۇ دوختۇرخانىدىكىلەرنىڭ چېگرا رايونغا بېرىپ كېسەل كۆرۈۋاتقىنىغا ئۇدا ئالتە يىل بولدى. چاپچال نامرات ناھىيە بولۇپ، رايون ئالاھىدىلىكى ۋە تۇرمۇش ئادىتى سەۋەبىدىن، يەرلىك ئاممىنىڭ گىلاۋكوما، كۆز گۆھىرىگە ئاق چۈشۈش كېسەللىكى، سۆڭەك شالاڭلىشىش كېسەللىكى ۋە يۈرەك-مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى پەيدا بولۇش نىسبىتى يۇقىرى. 309 – دوختۇرخانىسىدىكىلەر يۇقىرى داۋالاش تېخنىكىسى ئارقىلىق كېسەللەرنى داۋالاپ، شۇ جايدىكى ئاممىنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى .

  داۋالاش ئەترىتى يەنە سىل كېسىلىنى تەكشۈرۈپ ئايرىپ، سىل كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تەشۋىق-تەربىيە يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇردى. ئۇدا ئالتە يىللىق تەشۋىقات، تەربىيەلەش خىزمىتى شۇ جايدىكى سىل كېسەللىكىنى داۋالاش ئۈستىدىكى نۇرغۇن خاتا قاراشنى ئۆزگەرتتى.

  309 - دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرخانا باشلىقى لى ۋېيگو مۇنداق دېدى: ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش بىزنىڭ ئارزۇيىمىز.

  سۈرەتتە: مۇتەخەسسىسلەر ئۇيغۇر ئاممىغا دىياگنوز قويماقتا .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر