باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتى ئاممىنىڭ تەشۋىشنى تۈگىتىپ ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشىنى ئۈمىد قىلدى

2016.04.13 14:22         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. دۆلەت سەھىيە ۋە پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ چۈنئەن 12-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىش دېلوسى توغرىسىدا توختىلىپ: ۋاكسىنا ئەملەش كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تىزگىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ، ئاممىنىڭ بالىلىرىغا ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، دېدى.

  ماۋ چۈنئەن مۇنداق دېدى: ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى خىزمىتى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش، ھەتتا يوقىتىشتىكى ئەڭ تېجەشلىك، بىخەتەر ۋە ئۈنۈملۈك ئۇسۇل. دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانى ئارقىلىق، ۋاكسىنا ئەملەش ئالدىنى ئېلىشقا بولىدىغان كېسەللەرنى كونترول قىلىشتا ناھايىتى ياخشى رول ئوينايدۇ.

  ئۇ مۇنداق دېدى: ئاممىنىڭ 12320 قىزىق لىنىيەسى ئارقىلىق سورىغان مەسلىھەتلىرىدىن قارىغاندا، شەندۇڭ ئۆلكىسىدە قانۇنسىز ۋاكسىنا تىجارىتى دېلوسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، بەزى ئامما ۋاكسىنا ئەملەشتە گاڭگىراپ قالغان. ئاممىنىڭ دۆلەتنىڭ ئىممۇنىتېت يىرىك پىلانىنى، ۋاكسىنا ئەملەشكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى، بالىغا ئەملىنىدىغان ۋاكسىنا ۋاقتىدا ئەملەنمىسە، بالىلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى سالامەتلىكىگە خەۋپ پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىگىلىشىنى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ۋاقتىدا ۋاكسىنا ئەملىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر