خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مۇيەسسەر ئاباھىمىت، پىراكتىكانت پەرىزات پولات خەۋىرى) ھەر يىلى 4-ئايدا ئامېرىكىدا ئۆتكۈزۈلىۋاتقان دۇنيا مىللەتلىرى كىنو فېستىۋالىنىڭ 2016-يىلىدىكى 13-نۆۋەتلىك دۇنيا مىللەتلىرى كىنو فېستىۋالى 1-ئاپرېلدىن 7-ئاپرېلغىچە ئامېرىكا لوس-ئانژېلىس جەنۇبىي قولتۇقىنىڭ PV يېرىم ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ ئامېرىكا، جۇڭگو، فىرانسىيە، رۇسىيە، ئىتالىيە، گىرمانىيە، چېخ، كورىيە، ياپونىيە، ھىندىستان قاتارلىق 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ 1200دىن ئارتۇق كىنو ۋە سىنارېيە ئەسەرلىرى فېستىۋالغا قاتناشتۇرۇلدى. بۇ فىلىملەر ئىچىدىن 50 فىلىم تاللىنىپ مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇلدى. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن داڭلىق كىنو مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ باھالىشى بىلەن «ئەڭ ياخشى ئەسەر»، «ئەڭ ياخشى ئارتىس»، «ئەڭ گۈزەل مەنزىرە»، «ئەڭ ياخشى كىنو» قاتارلىقلار باھالاپ چىقىلدى. خەلقئارادا تەسىر كۈچى ئىنتايىن چوڭ بولغان ئەڭ ئاخىرقى مۇكاپاتلاشتا، شىنجاڭ كىنوچىلىقىنى خەلقئارا سەھنىلەردە نامايان قىلىپ، كىنوچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشۇۋاتقان ئاتاقلىق رېژسسور شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان «چىن مۇھەببەت» فىلىمى خەلقئارا بويىچە «ئەڭ ياخشى كىنو مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى.
بۇ فىلىم بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ھىندىستان، رۇسىيە، قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، كورېيە، ئاۋىستىرالىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە ئۆتكۈزۈلگەن كىنو فېستىۋاللىرىغا تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ناھايىتى ياخشى باھاغا ئېرىشكەنىدى. بۇ قېتىم شىرزات ياقۇپ 13-نۆۋەتلىك دۇنيا مىللەتلىرى كىنو فېستىۋالىغا قاتنىشىپ، ئۆز قولى بىلەن مۇكاپات تاپشۇرۇۋالدى ھەم ئامېرىكىنىڭ ھوللىۋودتىكى سىنارېست، رېژىسسور ۋە فىلىم ئىشلىگۈچىلەر بىلەن بىللە مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى. ئۇ، ئۇلارنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئاڭلاپ، ئامېرىكا كىنولىرىغا بولغان كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى. كىنونىڭ كەلگۈسى يۆنىلىشى بويىچە نۇرغۇن ئەمەلىي تەجرىبىلەرگە ئىگە بولدى.
بۇ فېستىۋال دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنى ئېچىۋېتىلگەن سەھنە بىلەن تەمىنلەپ، ئوخشىمايدىغان تىل، ئوخشىمايدىغان مىللەتلەر ئارقا كۆرۈنۈشى تەسۋىرلەنگەن فىلىملەر ئارقىلىق ئامېرىكىدىكى كۆرۈرمەنلەر ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت كۆرۈرمەنلىرىنى دۇنياۋى ئېكران ئارقىلىق دۇنيادىكى كۆپ مەنبەلىك مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى چۈشىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلدى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى