باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايون شاخلىتىپ سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدۇ

2016.04.13 14:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا - سانائەت مەمۇىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 4-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 11-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايونىمىز دائىرىسىدە شاخلىتىپ سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرىدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، يېقىنقى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك سودا-سانائەت مەمۇرى باشقۇرۇش ئورگانلىرى شاخلىتىپ سېتىشقا زەربە بېرىش خىزمىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، بىر قىسىم نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن، شاخلىتىپ سېتىش ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەن. لېكىن ۋەزىيەت يەنىلا كەسكىن، شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكەتلىرىنى كۆپ قېتىم چەكلىسىمۇ تۈزەلمىگەن، قاتناشقانلارنىڭ قۇرۇلمىسى كۈنسېرى مۇرەككەپلەشكەن، شاخلىتىپ سېتىش رايونى تېخىمۇ كېڭىيىپ، شەكلى تېخىمۇ يوشۇرۇن بولغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بەزى بىۋاسىتە سېتىش كارخانىلىرى قېلىپلاشمىغان تىجارەت بىلەن شۇغۇللانغان، ھەتتا بىۋاسىتە سېتىش نامى بىلەن شاخلىتىپ سېتىشقا قاتناشقان. شۇڭا، ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى يېڭى بىر نۆۋەتلىك شاخلىتىپ سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلىپ، بىر تۈركۈم چوڭ دېلولارنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىنى تەشكىللىگۈچى، رەھبەرلىك قىلغۇچى ۋە تايانچ ئۇنسۇرلارنى جازالاپ، بىر تۈركۈم شاخلىتىپ سېتىشقا قاتناشقان قايمۇققانلارنى تەربىيەلەپ، شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئاساسى ۋە پائالىيەت بوشلۇقىنى ئاجىزلىتىدىكەن ۋە ئازايتىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى شاخلىتىپ سېتىشقا زەربە بېرىش مەخسۇس ھەرىكىتى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى قانۇنغا خىلاپ شاخلىتىپ سېتىش دېلولىرى كۆپ يۈز بېرىدىغان رايون، ئەرز قىلغان ئامما بىر قەدەر كۆپ رايونلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، «ئادەم توپلاش» شەكلىدىكى ئەنئەنىۋى شاخلىتىپ سېتىش، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ توردا شاخلىتىپ سېتىش ھەم بىۋاسىتە سېتىش نامى بىلەن شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارغا نۇقتىلىق زەربە بېرىپ، شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتى مەركەزلەشكەن رايونلارنى ئېنىقلاپ، بىر - بىرلەپ تەكشۈرۈپ، شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىگە چېتىشلىق بولغانلارنى تازىلايدىكەن.

  ئاپتونوم رايونلۇق سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش ئىدارىسى جايلاردىكى سودا-سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، دېلو يىپ ئۇچىنى ئەستايىدىل رەتلەپ، بىر تۈركۈم تەسىرى يامان، چېتىلىش دائىرسى كەڭ، خەۋپى ئېغىر شاخلىتىپ سېتىش دېلوسىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش؛ باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن ئىجراچىلىرى تايانچ كۈچلىرىنى تەشكىللەپ، مەركەزلىك ھەرىكەت ۋە مەخسۇس دېلو گۇرۇپپىسى تەشكىللەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن چوڭقۇر قېزىپ، قوغلاپ يۈرۈپ قاقشاتقۇچ زەربە بېرىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈش؛ رادىئو - تېلېۋىزىيە، تور، گېزىت قاتارلىق ھەرخىل تاراتقۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىپ، كۆپ خىل شەكىللەر بىلەن تەشۋىقاتنى قانات يايدۇرۇش؛ مۇۋاپىق پەيتتە مەخسۇس تۈزەش ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىسى ۋە تىپىك دېلو مىساللىرىنى ئېلان قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئاڭلىق توسۇش ۋە شاخلىتىپ سېتىش ھەرىكىتىدىن ساقلىنىش ئېڭى ۋە ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر