باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا تەييارلىنىپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.04.13 15:33         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى موئالىم تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى مۇشۇ ئاينىڭ 15- ئاپرېل ئېچىلىدىغان سۇرىيە مەسىلىسى ھەققىدىكى يېڭى بىر نۆۋەتلىك جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ 2- باسقۇچلۇق سۆھبىتىگە قاتنىشىشقا تەييارلىنىپ بولدى.

  موئالىم شۇ كۈنى زىيارەتكە كەلگەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ سۇرىيە مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى دېمۇستۇرا بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى، سۇرىيە ھۆكۈمىتى تىنچلىق سۆھبىتىگە ئالدىنقى شەرت قويمايدۇ، تىنچلىق سۆھبىتىدە سۇرىيەلىكلەرنىڭ سۆزلىشىشىنى، سۆھبەتكە سۇرىيەلىكلەرنىڭ يېتەكچىلىك قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

  دېمۇستۇرا 10-ئاپرېل دەمەشققە يېتىپ بارغان، تۈنۈگۈن موئالىم بىلەن سۆھبەتلەشكەندىن كېيىن دەمەشقتىن ئايرىلغان. دېمۇستۇرا مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سەپىرىمنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، موئالىم بىلەن تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرىنى مەسلىھەتلىشىش، بىز يەنە ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى مۇھاكىمە قىلدۇق.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر