باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ب د ت تۇنجى قېتىم كېلەر نۆۋەتلىك باش كاتىپ نامزاتلىرىدىن «ئاشكارا يۈزتۇرانە ئىمتىھان» ئالدى

2016.04.13 14:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاپرېل، نيۇيوركتىكى ب د ت باش شىتابىدا، كېلەر نۆۋەتلىك ب د ت باش كاتىپى نامزاتى، ب د ت مائارىپ-پەن-مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ باش خادىمى ئېلىننا بوكۋا تاراتقۇلارغا سۆز قىلماقتا.

  ب د ت قۇرۇلتىيى 12-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن، كېلەر نۆۋەتلىك ب د ت باش كاتىپى نامزاتلىرى بىلەن ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى بىرەسمىي سۆھبەتنى باشلىدى. بۇ، ب د ت تۇنجى قېتىم باش كاتىپ نامزاتلىرىغا سايلام تەشەببۇسىنى ئاشكارا بايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىشى ھېسابلىنىدۇ.

  سۆھبەت يىغىنى ب د ت باش ئىشتابى كاتىبات باشقارمىسى بىناسىدىكى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش كېڭىشىنىڭ يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلدى، ب د ت قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى لىكتوفت ئالدى بىلەن سايلامغا قاتناشقان سەككىز نامزاتنى تونۇشتۇردى. ئۇ، ھەربىر نامزاتنىڭ «يۈزتۇرانە ئىمتىھان» ۋاقتى ئىككى سائەت، ئالدى بىلەن 10 مىنۇت ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ كېلەر نۆۋەتلىك باش كاتىپ دۇچ كېلىدىغان خىرىس، پۇرسەت ۋە ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى قاتارلىق ئىستەك باياناتىنى بايان قىلىدۇ، ئارقىدىن ھەرقايسى دۆلەت ۋەكىللىرى ۋە ئەل ئىچى تەشكىلاتلىرىنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىدۇ، دېدى. ب د ت تور بېكىتى پۈتۈن جەرياننى بىۋاسىتە كۆرسەتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر