باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇداننىڭ دارفور رايونىدا ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش باشلاندى

2016.04.13 15:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  مۇددىتى ئۈچ كۈن بولغان مەمۇرىي جەھەتتىن ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئۇرۇش مالىمانچىلىقىنى يەتكۈچە تارتقان دارفور رايونىدا تۈنۈگۈن باشلاندى، بۇ رايوندىكى ھازىرقى بەش ئىشتاتىنى بىرلەشتۈرۈپ بىر چوڭ مەمۇرىي رايون قىلىش قىلماسلىق ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش ئارقىلىق قارار قىلىنىدۇ.

  بۇ قېتىمقى ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش دارفور رايونىنىڭ بۇندىن كېيىنكى مەمۇرىي رايونلار ئايرىمىسىنى بەلگىلەيدۇ. سۇدان ھۆكۈمىتى بېكىتكەن ئومۇمىيخەلق ئارىسىدا ئاۋازغا قويۇش لايىھەسىگە ئاساسەن، ناۋادا دارفوردىكى ئامما بەش ئىشتاتنى بىرلەشتۈرۈشنى قوللاپ ئاۋاز بەرسە، بۇ رايوندا يۈكسەك ئاپتونومىيە ئاساسىي قانۇن كومىتېتى قۇرۇلۇپ، دارفور رايونىنىڭ بىرلىككە كەلگەن مەمۇرىي ھوقۇقى يۈرگۈزۈلىدۇ. ناۋادا ئامما بىرلەشتۈرۈشنى قوللىمىسا، ئۇنداقتا ھازىرقى بەش ئىشتاتنىڭ مەمۇرىي ئايرىمىسى ساقلاپ قىلىنىدۇ، ھازىر بۇ رايوننى باشقۇرۇۋاتقان ئۆتكۈنچى ھوقۇقلۇق ئاپپارات تارقىتىۋېتىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر