باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلىتىمىزدە «ھال سورىغۇچى ئاياللار»دىن 21 كىشى ھايات تۇرۇۋاتىدۇ

2016.04.13 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاپرېل چۈشتىن بۇرۇن، «ھال سورىغۇچى ئاياللار» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم «ئوتتۇز ئىككى» نەنجىڭدىكى لىجىگاڭ ھال سوراش ئورنىنىڭ كونا جايى كۆرگەزمىخانىسىدا ئىئانە قىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. فىلىمنىڭ مەسلىھەتچىلىكىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو «ھال سورىغۇچى ئاياللار» مەسىلىسى تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى سۇ جىلياڭ ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدىكى سالاھىيىتىنى ئاشكارىلىغان «ھال سورىغۇچى ئاياللار»دىن ئاران 21 كىشى ھايات تۇرۇۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

  ھۆججەتلىك فىلىم «ئوتتۇز ئىككى»نى سۆرەتكە ئېلىش 2012-يىلى 12-ئايدا باشلانغان بولۇپ، جۇڭگوغا تاجاۋۇز قىلغان ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ «ھال سورىغۇچى ئاياللار» تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچى ۋېي شاۋلەن ۋە ئۇنىڭ جۇڭگو-ياپونىيە ئارىلاش قان سىستېمىسىدىن بولغان ئوغلى لو شەنشۆنىڭ ھىكايىسى بايان قىلىنغان. «ئوتتۇز ئىككى»دىن كېيىن، رېژىسسور گو كې 2014-يىلنىڭ بېشىدا يەنە بىر «ھال سورىغۇچى ئاياللار» تېمىسىدىكى ھۆججەتلىك فىلىم «يىگىرمە ئىككى»نى ئىشلەپ خۇبېي، خەينەن، شەنشى قاتارلىق بەش ئۆلكىگە تارقالغان 22 «ھال سورىغۇچى ئاياللار» تۈزۈمىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغۇچىنىڭ تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۆرەتكە ئالغان. نۆۋەتتە بۇ فىلىمنى سۆرەتكە ئېلىپ ئىشلەش تاماملىنىپ، قويۇلۇش ئالدىدا تۇرماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر