باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، باجنى قۇرۇلمىلىق كېمەيتىشنىڭ تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەشتىكى ھالقىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى

2016.04.13 14:27         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 11-ئاپرېل گوۋۇيۈەننىڭ مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقا ئالاقىدار مەسىلىلەرنى مۇزاكىرىلىشىپ، قىسمەن ئۆلكىلەرنىڭ پىكرىنى ئاڭلاپ، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى يىغىنغا قاتناشتى.

  سۆھبەت يىغىنىدا مالىيە مىنىستىرلىقى دوكلات بەردى، تيەنجىن، خېبېي، سەنشى، ئىچكى موڭغۇل، جىلىن، خېيلۇڭجياڭ، فۇجيەن، جياڭشى، شەندۇڭ، خۇبېي، گۇاڭدۇڭ، خەينەن، چۇڭچىڭ، سىچۈەن، گۈيجۇ، شىزاڭ، گەنسۇ، چىڭخەي، نىڭشيا، شىنجاڭدىن ئىبارەت 20 ئۆلكىلىك (ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك) ھۆكۈمەتنىڭ مەسئۇللىرى سۆز قىلىپ، تەكلىپ بەردى.

  لى كېچياڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات بولۇپمۇ تەمىنلەش جەھەتتىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ باج كېمەيتىش تەدبىرى بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى زور دەرىجىدە يېنىكلىتىدۇ؛ شۇنداقلا بۇ تۈرلۈك ئىسلاھات ئىجادچان دۆلەت قۇرۇش ۋە ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ياساش سېلىنمىسىنى زورايتىش، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىش ئارقىلىق ئېھتىياجنىڭ ئېشىشىنى يېتەكلەش، ھازىرقى زامان مۇلازىمەت كەسپى ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ياخشى مۇھىت بەرپا قىلىش، ئىش ئورنىنى كۆپەيتىشكە تۈرتكە بولىدۇ؛ ئۇنىڭدىن باشقا يەنە باج تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق تەكرار باج ئېلىشتەك كونا مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، ئۇنىڭ بىرگە تەگسە ھەممىگە تەسىر كۆرسىتىشتەك كۆرۈنەرلىك رولى، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئۈچۈن كۈچلۈك تايانچ بىلەن تەمىنلەپلا قالماستىن يەنە، كەلگۈسى تەرەققىياتنى ئۈزلۈكسىز ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر