باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

چەرچەن ناھىيەسى 37 مىڭدىن ئارتۇق دېھقان–چارۋىچىنىڭ تۇرالغۇ شارائىتىنى ياخشىلىدى

2016.04.13 15:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز: مەڭلىك ئىمىن خەۋىرى، فوتوسى) چەرچەن ناھىيەسى بۇيىل 300 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىشنى پىلانلىغان بولۇپ، يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىدا ئارقا –ئارقىدىن ئىش باشلاندى. قۇرۇلۇش جەريانىدا ناھىيەلىك قۇرۇلۇش ئىدارسىدىكى تېخنىك خادىملار قۇرۇلۇشنىڭ تېخنىكلىق تەلەپ بويىچە سۈپەتلىك ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەرقايسى يېزا-بازارلارغا بېرىپ، تۇرالغۇ قۇرۇلۇشىغا بولغان نازارەتچلىكىنى كۈچەيتتى.

  ئارال يېزىسىنىڭ گۈزەل كەنتىدىكى دېھقان ھاۋاخان سالى مۇنداق دېدى : پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتى بارغانسىرى ياخشى بولۇۋاتىدۇ، بۇلتۇر بىر يۈرۈش ئەمىن ئۆي سالغان ئىدۇق، بۇ يىل ئوغلۇمغىمۇ يەنە بىر يۈرۈش ئۆي سالدىم، ھۈكۈمەتنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىغا بېرىلىدىغان 28 مىڭ 500 يۈەن تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى بولمىغان بولسا، بىز بۇ ئىككى يۈرۈش ئۆينى ھەرگىز سالالمايتتۇق، مەن پارتىيەنىڭ بۇ سىياسىتىدىن ئىنتايىن خوش بولدۇم. مەن بۇنىڭدىن كېيىن پارتىيە، ھۈكۈمەتنىڭ بىز دېھقانلارغا قاراتقان تۈرلۈك ئېتىبار سىياسىتىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ تىرىشىپ ئىشلەپ، ئائىلە تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ ياخشىلاشقا تىرىشمەن.

  ئىگىلىنىشچە، چەرچەن ناھىيەسىدە 2011-يىلىدىن ھازىرغا قەدەر سېلىنىپ بولغان خەلقنى بېيىتىش ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى 10 مىڭ يۈرۈشكە، ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 668مىڭ كىۋادرات مېتىرغا يېتىپ، ھەر بىر دېھقان–چارۋىچى ئائىلىسى دۆلەتنىڭ 28 مىڭ 500 يۈەن ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى تۇلۇقلىما ياردەم پۇلى بىلەن يېڭىدىن ئۆي سالغان بولۇپ، 37 مىڭ دىن ئارتۇق دېھقان –چارۋىچىنىڭ ئولتۇراق ئۆي شارائىتى ياخىشلانغان.

  سۈرەتتە : 8-ئاپرىل، ئارال يېزىسى گۈزەل كەنتىدىكى دېھقانلار ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشى سالماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر