باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 20 نەچچە جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى ئويۇنچۇق توپلاشقا قاتناشتى

2016.04.13 14:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13- ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10 –ئاپرېل، تەڭرىتاغ جامائەت پاراۋانلىقى جەمئىيىتى شىخەنزە ئاق تېرەك جامائەت پاراۋانلىقى، مېھىر ئىشكابى شىنجاڭ پونكىتى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى، شەپقەت باھار يامغۇرى مېھىر - شەپقەت ئاممىۋى پاراۋانلىق جەمئىيىتى قاتارلىق شىنجاڭ ئىچىدىكى 20 نەچچە جامائەت پاراۋانلىق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرلىكتە «ئويۇنچۇق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى» پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، يېزىلاردىكى بالىلار ئۈچۈن ئويۇنچۇق، يېزىقچىلىق قوراللىرى توپلىدى.

  4- ئاي كىرىشى بىلەن «ئويۇنچۇق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى»نىڭ 3 - قېتىملىق پائالىيىتى باشلاندى. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرىدىن شىخەنزە ئاق تېرەك جامائەت پاراۋانلىقى، مېھىر ئىشكابى شىنجاڭ پونكىتى، يېزا مەكتەپ پىدائىيلىرى، باھار يامغۇرى مېھىر - شەپقەت ئاممىۋى پاراۋانلىق جەمئىيىتى، غەربىي رايون مېھىر - شەپقەت ئاممىۋى پاراۋانلىق جەمئىيىتى، غەربىي رايون مېھىر - شەپقەت ئاممىۋى پاراۋانلىق جەمئىيىتى شىخەنزە بېكىتى، شىخەنزە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش پىدائىيلار جەمئىيىتى، ئۇچقۇن پىدائىيلار مۇلازىمەت چوڭ ئەترىتى قاتارلىق 20 نەچچە جامائەت پاراۋانلىقى تەشكىلاتلىرى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، ھەر قايسى جايلاردا ئويۇنچۇق توپلاش پائالىيىتى ئېلىپ باردى.

  10–ئاپرېل، «ئويۇنچۇق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى»دە ھەربىيلەر بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش بىرىنچى شەھىرى بولغان شىخەنزە شەھىرى، شىخەنزە ئۇنىۋېرسىتېتى دورىگەرلىك ئىنستىتۇتى، شىخەنزە شەھەرلىك 7 - ئوتتۇرا مەكتەپ، مەنزىرە گۈللۈكى ئولتۇراق رايۇنى، پېشقەدەم ئىنقىلابچى يەلقازان شورپىخانىسى قاتارلىق 11 مەكتەپ، ئىجتىمائىي رايون، سودا ئورونلىرى ئويۇنچۇق توپلاش نۇقتىسى قىلىپ بېكىتىلىپ، شەھەر ئاھالىلىرى ئىئانە قىلغان ئويۇنچۇقلارنى تاپشۇرۇۋالدى.

  غەربىي رايون مېھىر - شەپقەت ئاممىۋى پاراۋانلىق جەمئىيىتى شىخەنزە بېكىتى مەسئۇلى تاڭ مىننىڭ تونۇشتۇرۇشىغا ئاساسلانغاندا، ئۇلار «ئويۇنچۇق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى» جامائەت پاراۋانلىقى پائالىيىتىگە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، بىر قانچە كۈن ئىلگىرى شەھەر ئىچىدە نەچچە ئويۇنچۇق ئىئانە قىلىش نۇقتىسى تەسىس قىلغان، بۇ كۈنلەردە نۇرغۇن شەھەر ئاھالىسى ئىئانە قىلىش نۇقتىسىغا ئويۇنچۇق ئاپىرىپ بەرگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر