باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئاھالىسى ئامېرىكىنىڭ «پۇل سىياسىيسى»گە نازارىلىق بىلدۈردى

400دىن ئارتۇق كىشى قولغا ئېلىندى

2016.04.13 14:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 1000دىن ئارتۇق ئامېرىكا ئاھالىسى 11-ئاپرېل پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىدا نامايىش قىلىپ، پارلامېنتنىڭ تەدبىر قوللىنىپ، سىياسىي چىرىكلىكنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى ۋە سايلامنىڭ ئادىل، ھەققانىي ئۆتكۈزۈلۈشىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ساقچى تەرەپ «قانۇنسىز نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى» دېگەننى باھانە قىلىپ، 400دىن ئارتۇق نامايىشچىنى قولغا ئالدى.

  ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نامايىشچىلار پارلامېنت بىناسى ئالدىغا يىغىلىپ، «پۇل سىياسىيسى يوقالسۇن» دېگەندەك شوئارلارنى توۋلاپ، پارلامېنتتىن دەرھال تەدبىر قوللىنىپ، « زور سوممىلىق پۇل سىياسىيسى چىرىكلىكىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، سايلامنىڭ ئەركىن، ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلىش»نى تەلەپ قىلدى.

  خەۋەردە دېيىلىشىچە، نامايىشچىلار نەقمەيداندىن كېتىشنى رەت قىلغاندىن كېيىن، ساقچى تەرەپ بىر قىسىم نامايىشچىلارنى پلاستىك كويزا سېلىپ، ماشىنىلار بىلەن ئېلىپ كەتكەن.

  ئامېرىكا پارلامېنت ساقچى ئىدارىسى 400دىن ئارتۇق نامايىشچىنىڭ «قانۇنسىز نامايىش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەنلىكى» سەۋەبلىك قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

  سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، پۇل يەنىلا ئامېرىكا سىياسىيسىنى تىزگىنلەپ تۇرماقتا، ئاز سانلىق مىللەتلەر قاتارلىق توپلارنىڭ بېلەت تاشلاش ھوقۇقى چەكلىمىگە ئۇچرىماقتا، ئامېرىكا ئاھالىلىرىنىڭ سايلام سىياسىيسىغا بولغان ئىشەنچىسى بارغانچە يوقالماقتا.

  2014-يىلدىكى ئامېرىكا ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلامنى مىسال قىلساق، ئۇ قېتىملىق سايلامنىڭ جەمئىي چىقىمى 4 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ قىممەت بىر قېتىملىق ئوتتۇرا مەزگىللىك سايلام بولۇپ قالغان. سىياسىي تەلىپى بار پارلامېنت سىرتىدىكى تەشكىلاتلار سېلىنمىسىنىڭ سايلام ئومۇمىي خىراجىتىدە ئىگىلەيدىغان نىسبىتى بارغانچە ئاشماقتا. مەنبەسى ئېنىق بولمىغان سايلام ياردىمى پۇلى كۆپەيمەكتە، ئادەتتىكى ئامېرىكىلىقلارنىڭ سايلام نەتىجىسىگە بولغان تەسىرى كىچىكلىمەكتە. ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئافرىقىلىقلار پۇشتى، لاتىن ئامېرىكىلىقلار پۇشتى ۋە ئاسىيالىقلار پۇشتىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش نىسبىتىدە ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تۆۋەنلەش كۆرۈلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر